ئامېرىكالىقلارنىڭ خىتايغا بولغان كۆز قارىشى ناچارلاپ، تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈپ قالغان

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئىرادە تەييارلىدى
2024.10.24

«چىكاگو كېڭىشى» ناملىق تەتقىقات مەركىزى تەرىپىدىن بۇ يىل 6-7-ئايلاردا ئېلىپ بېرىلغان راي سىناش نەتىجىسىگە قارىغاندا، كۆپ ساندىكى ئامېرىكالىقلارنىڭ خىتاي ھەققىدىكى كۆز قارىشى ناچارلىشىپ، تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈپ قالغان. مەزكۇر راي سىناش نەتىجىسى 24-ئۆكتەبىر كۈنى ئېلان قىلىنغان.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئورۇن راي سىناشقا قاتناشقان ئامېرىكالىقلاردىن خىتاي ھەققىدىكى كۆز قارىشىغا 0-دىن 100 گىچە نومۇر قويۇشنى تەلەپ قىلغان بولۇپ، نەتىجىدە ئۇلارنىڭ بەرگەن نومۇرى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 26 نومۇر بولغان. بۇ نومۇر «چىكاگو كېڭىشى» 1978-يىلىدىن باشلاپ ئېلىپ بېرىۋاتقان راي سىناش نەتىجىلىرى ئىچىدىكى ئەڭ تۆۋەن نەتىجە بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، ئامېرىكادا خىتايغا بولغان ئىشەنمەسلىك دولقۇنى ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ سودا ئۇرۇشى مەزگىلىدە كۈچىيىپ، كوۋىد-19 ۋىرۇسى مەزگىلىدە ئۆرلىگەن. بۇ دولقۇن يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان ئىككى دۆلەتنىڭ دۇنيا سەھنىسىدىكى جۇغراپىيەلىك ۋە سىياسىي مەسىلىلەردىكى تىركىشىشلىرى بىلەن تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە يەتكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.