«دۇنيا ئانا تىل كۈنى» دە تۈرمىدىكى يالقۇن روزى ئۈچۈن ئەركىنلىك تەلەپ قىلىندى
2025.02.25
21-فېۋرال «دۇنيا ئانا تىل كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن، خىتاي تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى، مائارىپچى ۋە ئوبزورچى يالقۇن روزىنىڭ قىزى تۇمارىس يالقۇن X ھېسابىدا ئۇچۇر ئېلان قىلىپ، خىتاي تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان دادىسىنى ئەسلەش بىلەن بىرگە، نۆۋەتتە يوقىلىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن ئۇيغۇر تىلى، جۈملىدىن ئۇيغۇر تىلى مائارىپىغا بولغان ئەندىشىلىرىنى ئىپادىلىگەن.
تۇمارىس يالقۇن مۇنداق دەپ يازغان: «دۇنيا ئانا تىل كۈنىدە بىز تىل مىراسىمىزنى قۇتلۇقلايمىز. ئەمما ئۇيغۇر تىلى يوقىتىلىۋاتىدۇ، ئۇيغۇر تىلى دەرسلىك كىتابلىرى چەكلەندى، ئۇنىڭ تۈزگۈچىلىرى تۈرمىگە سولاندى، ئۇيغۇر بالىلىرى ئۆز تىلىدا سۆزلىيەلمەس بولدى. دادام يالقۇن روزى 2016-يىلدىن بېرى تۈرمىدە ياتماقتا. ھېچقانداق تىل جىنايەت دەپ قارالماسلىقى كېرەك».
ئۇنى قوللاپ ئىنكاس يازغان خوڭكوڭلۇق بىرەيلەن، «مەن پىكىر ئەركىنلىكى ۋە تىل ئەركىنلىكىنى قوللايمەن، ھېچكىم ئۆز ئانا تىلىنى قوغداپ قېلىش سەۋەبىدىن تۈرمىگە كىرىپ قالماسلىقى كېرەك. ئۇيغۇر تىلى يوقىتىلماقتا، يالقۇن روزىدەك كىشىلەر جىمىقتۇرۇلماقتا. تىلدا ھېچقانداق گۇناھ يوق، ئۇنىڭ دادىسى قويۇپ بېرىلسۇن» دەپ يازغان.
ئۆتكۈر ئەدەبىي تەنقىدلىرى ۋە تارىخىي ماقالىلىرى بىلەن تونۇلغان يالقۇن روزى، «مەمتىلى ئەپەندى»، «ئويغىنىۋاتقان ئەجداد روھى»، «لاي قەلئەنىڭ سىرى» ناملىق ئەسەرلەرنى يازغان، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، تىلى ۋە تارىخىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن كۆپ كۈچ چىقارغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىدى. رادىيومىزنىڭ دەلىللىشىچە، ئۇ مائارىپ نەشرىياتىدا ئىشلەۋاتقان مەزگىلدە ئۇيغۇر ئوتتۇرا مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات دەرسلىكىنى تۈزۈش پىروگراممىسىدا مەسئۇل مۇھەررىرلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان. يالقۇن روزى 2016-يىل 12-ئاينىڭ 30-كۈنى خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ، كېيىنچە «مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن ۋە 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغانىدى.
يالقۇن روزىنىڭ ئامېرىكادىكى پەرزەنتلىرىدىن كامالتۈرك ۋە تۇمارىس قاتارلىقلار يىللاردىن بۇيان، X ۋە ئىنستاگرام قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇ ۋاسىتىلىرىدە دادىسى، شۇنداقلا ئۇنىڭغا ئوخشاش زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىغا ئەركىنلىك تەلەپ قىلىپ كەلمەكتە.