ئانار سابىت: «مەن لاگېردا نېمىلەرنى كۆردۈم؟»

ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلار ھەققىدە كۆپلىگەن دەلىل-ئىسپاتلار مەلۇم بولۇۋاتقان بولسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىزچىل بۇ ھەقتىكى ھەرقانداق ئەيىبلەشنى رەت قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا «تېخنىكا ئۆگىتىش» بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتقانلىقىنى داۋراڭ قىلىپ كەلگەن ئىدى. يېقىندا ئەنە شۇ خىلدىكى لاگېرلاردا يېتىپ چىققان يەنە بىر شاھىد ئانار سابىتنىڭ شەخسىي كەچۈرمىشى بۇ جايدىكى قاباھەتنىڭ قانچىلىك ۋەھشىي تۈس ئالغانلىقىنى دۇنياغا جانلىق نامايەن قىلىپ بەردى.

«نيو-يوركلۇقلار» ژۇرنىلىنىڭ 5-ئاپرېل سانىغا بېسىلغان بۇ ھەقتىكى زور ھەجىملىك تەكشۈرۈش دوكلاتىدا كۇيتۇندا ئۆسۈپ چوڭ بولغان ئانار سابىت ئىسىملىك قازاق قىزىنىڭ كەچمىشلىرى تەپسىلىي ئورۇن ئالىدۇ. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، كىچىكىدىن خىتايچە ئوقۇغان ھەمدە قانۇنغا رېئايە قىلىدىغان ئۈلگىلىك پۇقرا سۈپىتىدە چوڭ بولغان ئانار مەيلى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئوقۇش مەزگىلىدە بولسۇن ياكى خىزمەت قىلغان ۋاقىتلىرىدا بولسۇن ھەرقاچان ئۆزىنىڭ «مىللىيلار» غا مەنسۇپلۇقى سەۋەبىدىن تۈرلۈك يەكلەشلەرنى كۆپ قېتىملاپ باشتىن كەچۈرگەن. 2014-يىلى كاناداغا كەلگەندىن كېيىن ئاندىن «بەلگىسىز» ئىنسان بولۇشنىڭ راھىتىنى كۆرگەن. ئەپسۇس، 2017-يىلى دادىسىنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى پۈتتۈرۈپ، قازاقىستاندىن كۇيتۇنغا قايتىپ كەلگەندە «بىرلەشمە ئۇرۇش سۇپىسى» نىڭ ئاپتوماتىك ھالدا «خەتەرلىك دۆلەتلەرگە بارغان» دېگەن ئەيىبنى چىقىرىشى بىلەن پاسپورتى مۇسادىرە قىلىنىپ، سوراققا تارتىلغان.

ئۇنىڭ بۇ سوراقلاردا كۆرگەن جىسمانىي قىيناق ھەققىدىكى بايانلىرى، بۇ جايدىن چىقىپ «ئۆگىنىش مەركىزى» نامىدىكى لاگېرلاردا كۆرگەنلىرى لاگېر سىستېمىسىنىڭ تۈرمىلەردىنمۇ قاتتىق باشقۇرىلىدىغان مۇئەسسەلەر ئىكەنلىكىنى نامايەن قىلغان. بولۇپمۇ ئۇنىڭ لاگېرلارغا قامالغان مىڭلىغان ئۇيغۇرلار ۋە قازاقلارنىڭ قانداقتۇر بىر ئاممىۋى ئەپنى تېلېفونىغا چۈشۈرگەن، «ئىسلامىي» شەكىلدىكى قانداقتۇر بىر پائالىيەتكە چېتىلىپ قالغان دېگەندەك ئەيىبلەر بىلەن ئەيىبلىنىشى، لاگىرلاردىكى ئىنسان چىدىغۇسىز جىسمانىي قىيناق، ھايۋانلارمۇ يېمەيدىغان يېمەكلىكنى غىزا قىلىش، نامەلۇم دورىلارنى ئىچىش، كومپارتىيەنى مەدھىيلەپ ناخشا ئېيتىش، خىتايچە تىلدىن باشقا تىلدا سۆزلەشكە رۇخسەت قىلماسلىق، تۇتقۇنلارنىڭ چېچىنى كېسىۋېلىش، ھەتتا يىغلاشقا بولماسلىق ۋە ھاجەتكە بارغۇزماسلىقتەك كۆپلىگەن بايانلىرى ئىلگىرىكى لاگىر شاھىدلىرىنىڭ بايانلىرىنىڭ قىلچە ئاشۇرىۋېتىلمىگەن ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى، بۇ جايلاردىكى كۆپلىگەن مەھبۇسلارنىڭ قىسقىغىنە ۋاقىتتا نېرۋىسىدىن ئادىشىپ كېتىشىنىڭ سەۋەبسىز ئەمەسلىكىنى يەنە بىر قېتىم نامايەن قىلغان.

ئانار كۆرگەن قاباھەتلەر ئۇنىڭ لاگېردىن چىقىپ قازاقىستانغا يولغا چىقىشى بىلەن ئاخىرلاشقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ روھى ھازىرغىچە بۇنىڭ دەھشەتلىرىدىن قىينالماقتا ئىكەن. ئەنە شۇ خىل رېئاللىق ئۇنىڭ ئۆزى كۆرگەن بۇ قاباھەتنى دۇنياغا ئاشكارىلىشىغا تۈرتكە بولغان ئەڭ مۇھىم ئامىل ئىكەن.