ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ شايار ناھىيەسى تەۋەسىدە 30-يانۋار كۈنى ئەتىگەن سائەت 7 دىن 49 مىنۇت ئۆتكەندە 6.1 بال يەر تەۋرىگەن. خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تەۋرەش مەركىزى شايار ناھىيە بازىرىدىن 141 كىلومېتىر يىراقلىقتا ئىكەن. خىتاي يەر تەۋرەشنى ئۆلچەش مەركىزى يەر تەۋرەشنى 6.1 بال، دەپ ئېلان قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئامېرىكا گېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش مەركىزى تەۋرەش كۈچىنىڭ 5.7 بال ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. «خىتاي خەۋەرلىرى تورى» نىڭ بەرگەن خەۋىرىدە، يەر تەۋرەش مەركىزى شايار ناھىيەسىنىڭ ئادەم شالاڭ بولغان رايونىدا مەيدانغا كەلگەنلىكى، تەۋرەش مەركىزىنىڭ 20 كىلومېتىر دائىرىسى ئىچىدە نۇپۇسنىڭ ئىنتايىن شالاڭ جايلاشقانلىقىنى، نۆۋەتتە يەرلىك ئوت ئۆچۈرۈش ۋە قۇتقۇزۇش تارماقلىرىنىڭ سەپەرۋەر قىلىنغانلىقىنى ئېيتقان.
خەۋەرلەردە ئېيتىلىشىچە، يەر تەۋرەش ئەتراپتىكى ناھىيە، شەھەرلەردە كۈچلۈك رەۋىشتە ھېس قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن ھازىرغىچە ئادەم زەخىمىلىنىش ۋە ئۆلۈم-يىتىم يۈز بەرگەنلىكىگە دائىر ھېچقانداق مەلۇمات يوق ئىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى رايوندا يۈز بەرگەن ئىجتىمائىي، سىياسىي ۋەقەلەرگە ئائىت ئۇچۇرلارنى قاتتىق كونترول قىلىپلا قالماي، بەلكى يۇقۇم ۋە تەبىئىي ئاپەتكە دائىر ئۇچۇرلارنىمۇ قاتتىق كونترول قىلىپ كەلگەن. شۇڭا خىتاينىڭ رايوندىكى ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا يەر تەۋرەشنىڭ كونكىرېت تەپسىلاتى، پۇقرالارنىڭ تەسىرگە ئۇچراش ئەھۋالى، ئاھالىسى شالاڭ جايلاشقان بولسىمۇ، لېكىن يەر تەۋرەش مەركىزى دائىرىسى ئىچىدىكى پۇقرالارنىڭ تەقدىرى قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە ھېچقانداك ئۇچۇر بېرىلمىگەن.
چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكلىلاتلىرىنىڭ قەيت قىلىشىچە، خىتاينىڭ 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇنىدىن كېيىن رايوندا يۈز بەرگەن تەبىئىي ئاپەتكە دائىر ئۇچۇرلارغا ئېرىشىشمۇ قىيىنلاشقان.
«خىتاي خەۋەرلىرى تورى» نىڭ خەۋىرىدە، يەر تەۋرەش مەركىزىنىڭ ئارال شەھىرىگە تېخىمۇ يېقىن ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ ئارال شەھىرىگە 105 كىلومېتىر، ئاقسۇ شەھىرىگە 215 كىلومېتىر، ئۈرۈمچىگە 611 كىلومېتىر كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، يەر تەۋرەشتىن كېيىن شايار ناھىيەلىك ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى 2 ئاپتوموبىل بىلەن 10 كىشىنى يەر تەۋرەش مەركىزىگە بېرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا ئەۋەتكەن.