بۇ يىل 4-ئاينىڭ 24-كۈنى ياپونىيە پارلامېنتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان ئارفىيە بىر قانچە كۈن ئاۋۋال «دەۋر» ژۇرنىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر رايونىدا ئەڭ ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
«دەۋر» ژۇرنىلى تورىدا ئېلان قىلىنغان ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، ئارفىيە ھازىرقى ياپونىيە باش ۋەزىرى فۇمىيو كىشىدا (Fumio Kishida) نىڭ ھەربىي جەھەتتە كۈچلۈك دۆلەت بولۇش سىياسىتىنى قوللايدىكەن؛ بۇنىڭ سەۋەبى، ئارفىيەنىڭ ئۇيغۇرلار—يەنى ھازىر خىتايدا ئەڭ قاتتىق ئېزىلىۋاتقان خەلقنىڭ پەرزەنتى بولغانلىقىدىن ئىكەن.
مۇخبىر ئۇنىڭدىن: «سىز بىر ئۇيغۇر بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن، ياپونىيە ئۇيغۇرلارغا تېخىمۇ كۆپ ياردەم قىلىشى، ياپونىيەدىكى كۆچمەنلەر ۋە پاناھلىق تىلىگۈچىلەر ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئىش قىلىپ بېرىشى كېرەك دەپ قارامسىز؟ » دەپ سورىغاندا، ئارفىيە جاۋاب بېرىپ: «مەن ئۇزۇندىن بۇيان كىشىلىك ھوقۇق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلدىم، كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىشنىڭ دەرىجىسى بولمايدۇ. ئوچۇقىنى ئېيتقاندا، ئۇيغۇر رايونىدا ھازىر بۇ دەۋردىكى ئەڭ ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى يۈز بېرىۋاتىدۇ دەپ قارايمەن. خەلقئارا جەمئىيەت ئۈچۈن بۇنىڭغا قانداق ئىنكاس قايتۇرۇش زور بىر سىناق» دېگەن، ھەمدە ياپونىيەنىڭ گەرچە پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنى كۆپلەپ قوبۇل قىلالايدىغان دۆلەت بولمىسىمۇ، كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداشقا تېخىمۇ لايىقلاشقان دۆلەت بولالايدىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئارفىيە يېقىندا «ئاكسيوس» (Axios) تورىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، گەرچە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىر ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ قۇربانى بولۇۋاتقان بىر مىللەت بولسىمۇ، باشقا مىللەتلەرگە ئوخشاش قەد كۆتۈرۈپ گۈللىنىشكە لايىق بىر خەلق ئىكەنلىكىنى ھەمدە بۇنى ئۆز خىزمىتى ئارقىلىق نامايان قىلىپ بېرىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.
