خىتاي لوپنۇرنىڭ قىياققۇدۇق خارابىلىقىدىن تېپىلغان 800 پارچىدىن ئارتۇق ھۆججەت ۋە پۈتۈكنى «تاڭ سۇلالىسىنىڭ» دەپ ئېلان قىلغان
2022.04.01
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى، تارىخى ۋە كىملىكىنى رەت قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىنى «ئەزەلدىن خىتاينىڭ پارچىسى» دەپ تەكىتلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، بۇ قارىشىنى ئاتالمىش «تارىخىي ھۆججەتلەر» بىلەن ئىسپاتلاشقىمۇ ئۇرۇنماقتا.
«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ «شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئورنى» لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ قىياققۇدۇق تۇرا خارابىسىدىن قېزىۋېلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن 800 پارچىدىن ئارتۇق ھۆججەت، ئالاقە ۋە ياغاچ پۈتۈكلەرنى «تاڭ سۇلالىسىنىڭ بۇ رايوندىكى ھەربىي قورغانلىرىغا ئائىت ماتېرياللار» دەپ ئېلان قىلغان.
خىتاي ئارخېئوگىيە دائىرىلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ھۆججەت ۋە پۈتۈكلەر «خىتاينىڭ تاڭ دەۋرىدىكى ھەربىي بازىلىرىنىڭ مۇداپىيە سىستېمىسىنى يازما خاتىرىلەر بىلەن تەمىنلەپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى چېگرا قورغانلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى چۈشۈنىشنى بىرىنچى قول ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەيدىكەن.»
ھالبۇكى، خىتاي دائىرىلىرى بۇ ھۆججەت ۋە ياغاچ پۈتۈكلەرنىڭ قايسىي تىلدا يېزىلغانلىقى، نېمىگە ئاساسەن بۇ خارابىلىق ۋە ئۇنىڭدىن قېزىۋېلىنغان ھۆججەت، پۈتۈكلەرنى «تاڭ سۇلالىسىنىڭ ھەربىي قورغانلىرىغا ئائىت» دەپ بېكىتكەنلىكىنى تىلغا ئالمىغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى بۇرۇندىن تارتىپ خىتايدىكى خەن ۋە تاڭ سۇلالىرىنىڭ ئۇيغۇر رايوندا تۇتۇق مەھكىمىسى قۇرۇپ باشقۇرغانلىقىنى قەيت قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق بۇنىڭغا ھېچقانداق ماددىي پاكىت تاپالمىغان. 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇندىن باشلاپ بۇ قاراشقا قوشۇلمايدىغان ياكى ئۇنىڭغا گۇمان بىلەن قارايدىغان ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلارنى ۋە ئادەتتىكى ئۇيغۇرلارنى «بۆلگۈنچى» دېگەن قالپاق بىلەن لاگېر ۋە تۈرمىلەرگە قاماپ، قاماققا ھۆكۈم قىلغان ۋە ياكى ئۇلارغا قارىتا ئومۇمىييۈزلۈك مېڭە يۇيۇش ئېلىپ بارغان ئىدى. «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بۇ ھۆججەت، پۈتۈكلەرنىڭ ئىچىدە «تارتۇقلاش ھۆججىتى، ھېسابات تالۇنى، شەخسىي خەت-چەك، كىتابلارنىڭ رەسىملىك بېتى، ئەدىبىي ئەسەرلەر قاتارلىق نۇرغۇن ھۆججەتلەر» بار ئىكەن.