خىتاي تاراتقۇلىرى ئۇيغۇر دىيارىدىن «تاڭ دەۋرىگە ئائىت ئىزلار» نىڭ تېپىلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى كۆپلەپ تارقاتماقتا

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز جەۋلان
2020-07-16
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرىگە چەكلىمە قويۇۋاتقان بىر مەزگىلدە خىتاي تاراتقۇلىرى ئارقا-ئارقىدىن خەۋەر ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر دىيارىدىن «تاڭ سۇلالىسى دەۋرىگە ئائىت ئىزلار» نىڭ كۆپلەپ بايقىلىۋاتقانلىقى، بۇنىڭ «شىنجاڭنىڭ ئەزەلدىن خىتاينىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغانلىقى» ھەققىدە جار سالماقتا.

«شىنجاڭ گېزىتى» تورىنىڭ 17-ئىيۇل تارقاتقان خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي ئارخېئولوگلىرى يېقىندا قۇمۇل شەھىرى ئىۋىرغول رايونى قارادۆۋە بازىنىڭ بوستان كەنتىدىكى لاپچۇق قەدىمىي شەھىرىدىن «تاڭ سۇلالىسى دەۋرىگە ئائىت ئىز» لارنى تاپقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، 2019-يىل 4-ئايدا شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلار تەتقىقات ئورنى، قۇمۇل شەھەرلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلار ئىدارىسى قاتارلىق ئورۇنلار لەنجۇ ئۇنىۋېرسىتېتى، غەربىي شىمال ئۇنىۋېرسىتېتى، خىتاي پەنلەر ئاكادېمىيىسى يىراقتىن سېزىش تەتقىقات ئورنى بىلەن بىرلىشىپ، قۇمۇلنىڭ قارادۆۋە رايونىدا ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقاندا لاپچۇق قەدىمىي شەھىرىنىڭ يېنىدا بۇتخانا، ئامبار خارابىلىكىنى ھەمدە غەربىي شىمالىدا تاڭ، سۇڭ دەۋرىگە ئائىت قەبرىلەرنى بايقىغان. 2019-يىل لاپچۇق قەدىمىي شەھىرى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىي يادىكارلىقلار ئورنى قىلىپ بېكىتىلگەن.

خەۋەردە يەنە خىتاينىڭ تارىخنامىلىرىدىكى خاتىرىلەر نەقىل كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، مىلادىيە 630-يىلى قۇمۇلدا تەسىس قىلىنغان ناجى ناھىيەسىنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنىنىڭ ھازىرقى لاپچۇق قەدىمىي شەھىرىنىڭ ئورنىغا توغرا كېلىدىغانلىقى، تاڭ دەۋرىدە خىتايلار بىر قەدەر كۆپ ئولتۇراقلاشقان شەرقىي شىنجاڭ رايونىدا ۋىلايەت، ناھىيە دەرىجىلىك ئىككى ئايماق تۈزۈمى ئورنىتىلغانلىقى، بۇنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى خىتايلارنىڭ تۈزۈمىگە ئوخشايدىغانلىقى، ھەممىسىنىڭ مەركەز تەرىپىدىن بىر تۇتاش باشقۇرۇلىدىغانلىقى ئېيتىلغان.

بۇ خەۋەر «شىنجاڭ گېزىتى» تورىدىن باشقا يەنە «سوخۇ تورى» قاتارلىق كۆپلىگەن تور بېكەتلىرىدە تەشۋىق قىلىنغان. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ بۇ تەشۋىقاتى ئۇلار ئىزچىل داۋام قىلىپ كەلگەن «شىنجاڭ ئەزەلدىن خىتاينىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى» دېگەن سەپسەتىسىنىڭ داۋامى بولۇپ، بۈگۈنكى كۈندە ئۇلار بۇنى يەنە مەقسەتلىك ھالدا كۆتۈرۈپ چىققان.

يېقىندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ بىر قىسىم جايلىرىدىكى مەنچىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە قۇرۇلغان قەلئە خارابىلىرىنى زور مەبلەغ بىلەن رېمونت قىلىپ، ئەسلىگە كەلتۈرگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرىكى مەزگىللەردە چەرچەندىكى زاغۇنلۇق قەبرىستانلىقى قاتارلىق قەدىمىي ئىزلارغا خىتايچە خەتلەر يېزىلغان ساختا بۇيۇملارنى كۆمۈپ، بۇنى خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى قەدىمىي ئىزلىرى قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنغان ئىدى. 1980-يىللاردا ساختىلىقى بايقالغان «كەكمەنىر شېئىرلىرى» دەل بۇنىڭ بىر مىسالىدۇر.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت