ئۇيغۇر ئېلىدا ئاساسىي قاتلام كادىر-ئەمەلدارلىرىنى جازالاش ھەرىكىتى داۋام قىلماقتا

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2021-05-06
Share

ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھۆكۈمەت تور بەتلىرى 6-ماي كۈنىدىكى خەۋىرىدە، ئاتۇش ۋە چۆچەكتىن بولۇپ 6 نەپەر كادىر-ئەمەلدارنىڭ «مەركەزنىڭ 8 تۈرلۈك بەلگىلىمىسى» گە خىلاپلىق قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. مەزكۇر 6 نەپەر ئەمەلدارنىڭ 2 نەپىرى ئۇيغۇر، 1 نەپىرىنىڭ قازاقلىقى مەلۇم بولماقتا.

ئۇلارنىڭ بىرى ئاتۇش شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسى دېلو تۇرغۇزۇش بۆلۈمىنىڭ ياردەمچى سوتچىسى جۈرئەت ئىسمايىل بولۇپ، خەۋەردە «جۈرئەت ئىسمايىل دېلو باھالاش خىزمىتىنى ۋاقتىدا ياخشى قىلمىغان، نەتىجىدە تەرەپلەر جازاغا تارتىلماي ناچار تەسىر پەيدا قىلغانلىقى ئۈچۈن پارتىيە تەرىپىدىن قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇلدى،» دېيىلگەن.

يەنە بىرى ئاتۇش شەھىرى ئۈستۈنئاتۇش بازىرى دوختۇرخانا شۆبىسىنىڭ مۇدىرى يالقۇن سۇلايمان بولۇپ، دائىرىلەر ئۇنى «ھۆكۈمەتكە تەۋە ماشىنىلارنىڭ گاز كارتىسىنى باشقۇرۇشتا قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلغانلىقتىن بىر قانچە باشقۇرۇش ئوبېيكتى ھۆكۈمەتنىڭ گاز كارتىسىنى قالايمىقان ئىشلىتىپ گاز قاچىلىۋالدى،» دەپ ئەيىبلىگەن.

خىتاي دائىرىلىرى يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدا «مەركەزنىڭ 8 تۈرلۈك بەلگىلىسىمىگە خىلاپلىق قىلىش» دېگەن نام بىلەن ئاساسىي قاتلاملاردىكى كادىر-ئەمەلدارلارنى جازالاش ھەرىكىتى قوزغىغان. چەت ئەللەردىكى كۆزەتچىلەر خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر خەلقئارادا ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى تۈپەيلىدىن قاتتىق تەنقىد ۋە بېسىمغا دۇچ كەلگەنلىكتىن، رايوندىكى ۋەزىيەتنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، كادىر-ئەمەلدارلارنىڭ يۈرىكىنى قىسىشنى مەقسەت قىلىۋاتقانلىقىنى مۆلچەرلىمەكتە.

خىتايچە «تەڭرىتاغ» تورى يېقىندا ئېلان قىلغان بىر خەۋىرىدە 2021-يىلىنىڭ بىرىنچى پەسلىدىلا ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە نازارەت قىلىش ئورگانلىرى تەرىپىدىن جازالانغان ئاساسىي قاتلام كادىر-ئەمەلدارلىرىنىڭ 4556 نەپەر، تەنقىدلەپ تەربىيەلەنگەنلەرنىڭ16226 نەپەرلىكىنى ئېلان قىلغان. بۇلار ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ قانچىلىك ساننى تەشكىل قىلىدىغانلىقى ئېنىق دېيىلمىگەن بولسىمۇ، بىراق ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا ئىسىملىرى ئاشكارىلانغان ئىسىملاردىن بۇلارنىڭ تەڭدىن تولىسىنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىدىن ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلىش مۇمكىن ئىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت