ب د ت: ئاشلىق يېتىشمەسلىك مۇساپىرلار ۋە توقۇنۇشلارنى كۆپەيتىدۇ

مۇخبىرىمىز جۈمە
2017.05.06


بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئاشلىق ۋە يېمەك-ئىچمەك يېتىشمەسلىك مەسىلىسى دۇنيادا مۇساپىرلار ۋە قوراللىق توقۇنۇشلارنى يەنىمۇ كۆپەيتىۋېتىدىكەن.

ب د ت خەۋەر مەركىزىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يۇقىرى مەلۇماتلار ب د ت دۇنيا ئاشلىق پروگراممىسىنى ئېلان قىلغان «كۆچمەنلىكنىڭ يىلتىزى: ئاشلىق خەۋپسىزلىكى ۋە دۇنياۋى كۆچۈش» ناملىق يېڭى دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

دوكلاتتا كۆرسىتىشىچە، ئاشلىق يېتىشمەسلىكتىن كېلىپ چىققان كۆچۈش ۋە قوراللىق توقۇشلار مىڭلىغان مىليونلىغان دەمنى ئاچارچىلىق ۋە ئۆي-ماكانلىرىنى تاشلاپ چىقىپ كېتىش خەۋپىگە قىستايدىكەن.

ئۇلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، يېمەك-ئىچمەك خەۋپسىزلىكىگە كېلىدىغان ھەر 1 پىرسەنت خەتەر يەنە 1.5 پىرسەنت ئادەمنى مۇساپىرلىققا قىستايدىكەن. دوكلاتقا قارىغاندا يەنە كۆچمەنلىك مەسىلىسىمۇ ئۆز نۆۋىتىگە يېمەك-ئىچمەك يېتىشمەكلىك مەسىلىسىنى ئېغىرلاشتۇرىدىغان ئامىللارنىڭ بىرى ئىكەن.

خەۋەردە نەقىل قىلىشىچە، 5-ماي دوكلات ئېلان قىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن سۆز قىلغان ب د ت ئاشلىق پروگراممىسىنىڭ دىرېكتورى دەيۋىد بىسلېي مۇنداق دېگەن: «بىزنىڭ مىليونغا ئاكا-ئۇكا، ئاچا-سىڭىللىرىمىز ئۆي-ماكانلىرىنى تاشلاپ قاچتى ۋە ساناقسىز جەبرى-جاپالارغا يولۇقتى. بۇ تراگېدىيەلىك ئەھۋالنى باشقىلارغا بىلدۈرۈش بىزنىڭ بۇرچىمىز.»

مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە يەمەن، سومالى قاتارلىق دۆلەتلەردە 20 مىليون ئادەم ئاچارچىلىق ۋە سۇ يېتىشمەسلىك خەۋپنى ئىچىدە قالغان.

نۆۋەتتە ياۋروپا 2014-يىلىدىن 2016-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا كېلىپ يەرلەشكەن 1 مىليون 600 مىڭ مۇساپىرنى بىر تەرەپ قىلىش كرىزىسىغا دۇچ كەلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.