ئاۋسترالىيە با ش مىنىستىرى ئانتونى ئالبانېز(Anthony Albanese)، خىتاينىڭ 22-ئۆكتەبىر كۈنى ب د ت 3-كومىتېتىدا 15 دۆلەتكە ۋاكالىتەن ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئورتاق بايانات ئېلان قىلغان ئاۋسترالىيەنى تەنقىد قىلىشىغا ئىنكاس بىلدۈرۈپ، ئاۋسترالىيەنىڭ داۋاملىق خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئانتونى ئالبانېز بىرىتانىيە ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىنىڭ باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن 24-ئۆكتەبىر تىنچ ئوكياندىكى ساموئا دۆلىتىگە يېتىپ كەلگەندە خىتاينىڭ بۇ ھەقتىكى ھۇجۇمىغا ئىنكاس بىلدۈرگەن. بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئاۋسترالىيەنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى جېيمىس لارسېننىڭ ب د ت 3-كومىتېتىدا ئامېرىكا، ئەنگلىيە، گېرمانىيە، فىرانسىيە، كانادا قاتارلىق 15 غەرب دۆلىتىگە ۋاكالىتەن خىتاينى ب د ت ئورگانلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار تەۋسىيەلىرىگە ئەمەل قىلىشقا، جۈملىدىن خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنغان بارلىق تۇتقۇنلارنى قويۇپ بېرىشكە چاقىرىشىغا قارىتا، ئاۋسترالىيەنى «سىستېمىلىق ئىرقچىلىق ۋە ئۆچمەنلىك جىنايىتىگە بۇلغانغان»، دەپ ئەيىبلىگەنىدى.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، باش مىنىستىر ئالبانېز خىتاينىڭ يۇقىرىقى ئەيىبلەشنى رەت قىلىپ، «خىتاي مەسىلىسىگە كەلسەك، بىز ئىمكانىيىتىمىز يار بەرگۈچە ھەمكارلىشىمىز، شۇنىڭدەك بىز زۆرۈر تېپىلسا ئىختىلاپقىمۇ چۈشىمىز. بىز دۆلەت مەنپەئەتىمىزگە مەركەزلىشىمىز. شۇنداقلا بىز خىتايغا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنىمۇ قويىمىز» دېگەن. بۇنىڭ ئالدىدا، يەنى 23-ئۆكتەبىر كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى لىن جيەن، 15 دۆلەتنىڭ ئاۋسترالىيەنىڭ باشچىلىقىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ب د ت كۈنتەرتىپكە قويۇشىغا ھۇجۇم قىلغان. لىن جيەن، 15 دۆلەتنىڭ ئورتاق باياناتىنى «كىشىلىك ھوقۇقنى باھانە قىلغان سىياسىي مونوپوللۇق» دەپ ئەيىبلىگەن. بولۇپمۇ ئۇ ئاۋسترالىيەنى ئەيىبلەپ، «ئۇزۇندىن بېرى سىستېمىلىق ئىرقچىلىق ۋە ئۆچمەنلىك جىنايىتىگە بۇلغانغان» دەپ ئاۋسترالىيەنىڭ، خىتاينى تەنقىدلەش ئورنىغا ئۆزىنىڭ مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقانىدى. لېكىن ئانتونى ئالبانېزنىڭ قەيت قىلىشىچە، ئاۋسترالىيە «ھەر ۋاقىت ئاۋسترالىيەنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداپ قالماي»، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنىمۇ «ئىزچىل ۋە ئېنىق رەۋىشتە» بېيجىڭنىڭ ئالدىغا قويۇپ كەلمەكتە ئىكەن.