ئاۋسترالىيە خىتايغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھەربىي كۆلىمىنى زورايتىدىكەن

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2022.03.10

ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرى سكوت موررىسون ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى پېتېر دۇتتون 9-مارت كۈنى ئاۋسترالىيەنىڭ ھەربىي كۆلىمىنى زورايتىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

«ۋال-سىترىت ژۇرنىلى» نىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، ئاۋسترالىيە ئۆزىنىڭ مۇقىم ئارمىيەسىنىڭ كۆلىمىنى %30 ئاشۇرۇپ، فورمىلىق مۇقىم ئەسكىرىي خادىمىنى 80 مىڭغا يەتكۈزىدىكەن. بۇ ئامېرىكانىڭ ئىتتىپاقدىشى بولغان ئاۋسترالىيەنىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدا خىتاي تەھدىتى كەسكىنلىشىۋاتقان مەزگىلدە ئۆز مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئالغان ئەڭ يېڭى قەدىمى ئىكەن.

ئاۋسترالىيە كەلگۈسى 20 يىلدا تەدرىجىي ئېلىپ بېرىلىدىغان ھەربىي سېلىنمىدىكى ئېشىش ئارقىلىق ئاۋسترالىيەنىڭ دېڭىز، قۇرۇقلۇق، ھاۋا ۋە تور بىخەتەرلىكى ساھەسىگە قارىتىدىكەن.

ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرى سكوت موررىسون ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا «بىز ئاۋسترالىيەنى قوغداش ئۈچۈن يۇقىرى تېخنىكىلىق مەشغۇلاتلارنى قىلالايدىغان تېخىمۇ كۆپ ئەسكەر، ماتروس ۋە ئۇچقۇچىلارغا موھتاج» دېگەن.

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى پېتېر دۇتتون: «سان ۋە تەجرىبىنىڭ ئېشىشى بىزنىڭ يادرو ئېنېرگىيەلىك سۇ ئاستى پاراخوتى، پاراخوت، ئايروپىلان ۋە ئىلغار قوراللارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىمىزنىڭ كاپالىتى. بۇ بىزنىڭ ئالەم بوشلۇقى، ئۇچۇر ۋە تور ساھەسىدە ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارى شەكىللەندۈرەلەيدىغانلىقىمىزدىن دېرەك بېرىدۇ» دېگەن.

بۇ يىل 2-ئايدا ئاۋسترالىيە، ئامېرىكا، ياپونىيە ۋە ھىندىستان قاتارلىق 4 دۆلەت گۇرۇھى يىغىن ئېچىپ، ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىنى زوراۋانلىقتىن خالىي قىلىش ئۈچۈن ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، جۈملىدىن خىتاينىڭ رايوندىكى ھەربىي كېڭەيمىچىلىك ھەرىكەتلىرىگە تاقابىل تۇرۇشنى ۋەدە قىلىشقانىدى.

ئەنگلىيەمۇ ئاۋسترالىيە بىلەن تۈزۈلگەن كېلىشىمنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە ھىندى-تىنچ ئوكياننىڭ بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن 25 مىليون فوند-ستېرلىڭ (34 مىليون دوللار) مەبلەغ سېلىشقا ۋەدە بەرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.