ئاۋسترالىيە خىتايدىن ئىمپورت قىلىنغان توكلۇق ئاپتوبۇسلارنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى تەكشۈرۈشكە باشلىغان
2025.03.12
ئاۋسترالىيەنىڭ يېڭى جەنۇبىي ۋالېس ئىشتات قۇللار ئەمگىكىنى چەكلەش كومىسسارى جېيمىس كاكېيىن (James Kockayne) ئىشتاتلىق ھۆكۈمەتنىڭ خىتايدىن ئىمپورت قىلغان توكلۇق ئاپتوبۇسلىرىنىڭ باتارېيەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان زاپچاسلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن بولغان باغلىنىشىنى تەكشۈرۈشكە باشلىغان.
مەلۇم بولۇشىچە، يېڭى جەنۇبىي ۋالىس ئىشتاتلىق ھۆكۈمىتى ئۆتكەن 12-ئايدا، ئاۋسترالىيە-خىتاي توكلۇق ئاپتوموبىل كارخانىسى- «فوتون موتورلۇق كۆچمە قاتناش شىركىتى» (FDM) بىلەن خىتاينىڭ «يۇتوڭ» ناملىق ئاپتوبۇسىنى تارقىتىش كارخانىسى بولغان ئاۋسترالىيە VDI شىركىتىگە 319 توكلۇق ئاپتوبۇس زاكاز قىلغان. ھالبۇكى، بۇ ئاپتوبۇسلارنىڭ توكلۇق باتارېيەلىرىنى خىتاينىڭ «نىڭدې زامان يېڭى ئېنېرگىيە تېخنىكا شىركىتى» تەمىنلەيدىغانلىقى مەلۇم بولغان. ئۆتكەن يىلى، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى خىتاي ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت كومىتېتى «نىڭدې زامان يېڭى ئېنېرگىيە تېخنىكا شىركىتى» ئىشلەپچىقارغان باتارېيە مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىگە ئائىت ئىشەنچلىك دەلىللەر بارلىقىنى ئېلان قىلغان.
بۇ كومىتېت «نىڭدې زامان يېڭى ئېنېرگىيە تېخنىكا شىركىتى» نىڭ لىتىيلىق ئىيون باتارېيەسى ماتېرىياللىرىنى «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى» قارمىقىدىكى بىر شىركەت تەمىنلەيدىغانلىقى، ئېلېكتېرىك نېكىل ماتېرىياللىرىنى خىتاينىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى «شىنجاڭ رەڭلىك مېتال شىركىتى» ئىشلەپچىقىرىدىغانلىقى، بۇ شىركەتلەرنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق ئىكەنلىكى، «شىنجاڭ رەڭلىك مېتال شىركىتى» نىڭ خىتاي كادىرلىرىنى ئۇيغۇر ئائىلىلىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇش ھەرىكىتىگە قاتناشقانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى. ئاۋسترالىيە ABC تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جېيمىس كاكېيىن بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، «توكلۇق ئاپتوموبىل تەمىنلەش زەنجىرىدە زامانىۋى قۇللار ئەمگىكى خەۋپىنىڭ يۇقىرى بولۇشىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئىشتاتلىق ھۆكۈمەتنىڭ توكلۇق ئاپتوبۇس سېتىۋېلىش پىلانىنى تەكشۈرۈۋاتقانلىقى» نى ئېيتقان. ئۇ مۇنداق دېگەن:
«مەن ئىشتاتلىق ھۆكۈمەت ئورگىنىنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىدىكى زامانىۋى قۇللار ئەمگىكىگە چېتىشلىق مەسىلىلەردە ئەستايىدىل بولغان-بولمىغانلىقىنى تەكشۈرۈشكە باشلىدىم.» ABC نىڭ ئېيتىشىچە، «ئاۋسترالىيە تەڭرىتاغ ئۇيغۇر ئاياللىرى جەمئىيىتى» نىڭ رەئىسى رامىلە چانىشېف، ئىشتاتلىق ھۆكۈمەتنى FDM ۋە يۈتوڭ شىركىتى بىلەن بولغان سودا توختامىنى بىكار قىلىشقا چاقىرىپ، كۆپلىگەن ئىمپورت مەھسۇلاتىنىڭ «ئۇيغۇرلارنىڭ قان-تەرى بىلەن بۇلغانغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.