ۋاشىنگتون شەھرىدىكى كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى 30-ئىيۇن كۈنى زور ھەجىملىك دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ جايدىكى ئوقۇغۇچىلارنى ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىىتىگە جاسۇسلۇق قىلىشقا ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقات قورالى بولۇشقا قىستاۋاتقانلىقىنى تەپسىلىy بايان قىلدى.
دوكلاتتا بايان قىلىنىشىچە، ئاپتور زىيارەت قىلغان ھەمدە خىتاي پاسپورتى بىلەن ئاۋسترالىيەگە كەلگەن 46 نەپەر ئوقۇغۇچى ۋە ئىلمىي خادىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇلارنى جاسۇسلۇق قىلىشقا قانداق قىزىقتۇرغانلىقى ھەمدە رەت قىلماقچى بولغانلارغا قانداق تەھدىت سالغانلىقىنى سۆزلەپ بەرگەن. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى خىتاي دېموكراتچىلىرىنى قوللايدىغانلار بولۇپ، خوڭكوڭدىكى دېموكراتىيە نامايىشىنى ھېمايە قىلىش مەزمۇنىدىكى تېمىلارنى تارقاتقانلارنى پاش قىلىشقا زورلانغان، يەنە بەزىلەر بولسا ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ تۈرلۈك پائالىيەتلىرىدىن مەلۇمات بېرىشكە قىزىقتۇرۇلغان.
«ئادەم» تەخەللۇسىدا زىيارەتنى قوبۇل قىلغان بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئۆزىنىڭ دەل مۇشۇ خىل بېسىمدىن خالاس بولۇش ئۈچۈن ئىلاجىسىز ئاۋسترالىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى ئۇيغۇرلار يوق بىر شىتاتقا كۆچۈپ كېتىشكە مەجبۇر بولغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «خىتاي ھۆكۈمىتى مېنى ئۇلارغا جاسۇسلۇق قىلىپ بېرىشكە ھەمدە مېنىڭ ئاۋسترالىيەدىكى ئوقۇش پۇلۇمنى تۆلەپ بېرىشكە ۋەدە قىلدى» دېگەن. ئۇنىڭ بىلدۈرىشىچە، خىتاي ساقچىلىرى ئۇنى ئادېلايد ۋە مېلبۇرن قاتارلىق جايلاردىكى نامايىشلارغا بېرىش ھەمدە ۋىدىيوغا ئېلىش، شۇ جايلاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىگە بېرىش ھەمدە ئۇلارنىڭ ئادرېسىنى، قانداق ماشىنا ھەيدەيدىغانلىقىنى ۋە قانداق خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى ئېنىقلاشقا بۇيرۇغان. خىتاي ساقچىلىرى ئۇنىڭ ۋەتەندىكى ئانىسىنى ساقچىخانىغا ئېلىپ كېلىپ سوراق ئەھۋالىنى ۋىدىيو ئارقىلىق ئۇنىڭغا نەق مەيداندىن كۆرسەتكەن. شۇنىڭدىن كېيىن «ئادەم» بۇ ئىشلارنى ئاۋسترالىيە ساقچى دائىرىلىرىگە مەلۇم قىلغان بولسىمۇ، ئۇلار بۇ ئىشلارغا قارىتا ھېچنەرسە قىلالمايدىغانلىقىنى ئېيتقان.
دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىلدىكى ئوقۇغۇچىلارنى پايلاقچىلىققا سېلىشى ئاۋسترالىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئومۇمىييۈزلۈك مەۋجۇت ئىكەن. ئاۋسترالىيە مائارىپ منىستىرلىكىنىڭ مىنسىتىرى ئالان تاج بۇ دوكلات ھەققىدە سۆز قىلىپ: «بىز بۇنىڭدىن بەكمۇ ئەندىشىگە چۈشتۇق. مەن ئىستىخبارات ۋە بىخەتەرلىك تارماقلىرىنى بۇ خىل مەسىلىلەرگە قارىتا تېگىشلىك تەدبىر ئېلىشقا دەۋەت قىلىمەن،» دېگەن.