ئامېرىكادىكى «بازفېد» ناملىق ئاخبارات ئورنى تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاز دېگەندە 135 لاگېرىدا ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنىڭ قۇرۇلغانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ئورۇنلاردا نەزەربەنت قىلىنىپلا قالماي، بەلكى يەنە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. «بازفېد خەۋەرلىرى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار بۇ ئۇچۇرلارغا ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرىنى، سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرىنى ئانالىز قىلىش ۋە كىشىلەرنى زىيارەت قىلىش ئارقىلىق ئېرىشكەن بولۇپ، بۇ ھەقتىكى ئانالىزلار ئۇلار بايقىغان ئورۇنلارنىڭ ئىچىدە ئاز دېگەندە 135 ئورۇندىكى لاگېرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسى بارلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.
خەۋەردە بۇ ئورۇنلاردىكى كارخانىلاردا كەڭ كۆلەملىك مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ يولغا قويۇلۇۋاتقانلىقى ئېنىق ئىكەنلىكىنى، شۇنىڭدەك ئۇيغۇر ئېلىدە لاگېرلارنىڭ ئىچى-سىرتىدىكى كارخانىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئوخشاش خاراكتېرگە ئىگە ئىكەنلىكى تەكتىلەنگەن. خەۋەردە بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار سۇنئىي ھەمراھ سۈرىتى ئارقىلىق بايقىغان بىر ئورۇندىكى لاگېر ۋە ئۇنىڭ ئىشلەپچىرىش كارخانىسىنىڭ كۆلىمى 21 مىليون كۋادرات فېت بولۇپ، ئۇنىڭ كۆلىمى فورد ئاپتوموبىل شېركىتىنىڭ مىچىگان شتاتىدىكى «رىۋېر روگ» ئاپتوموبىل ئىشلەپچىرىش مۇئەسسەسىنىڭ كۆلىمىدىنمۇ نەچچە مىليون كۋادرات فېت چوڭ ئىكەن.
خەۋەردە يەنە ۋاشىنگتوندىكى C4ADS ناملىق ئاممىۋى تەشكىلاتنىڭ سانلىق مەلۇماتىنى نەقىل كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، مەزكۇر ئاممىۋى تەشكىلات ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلارنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدا كارخانا قۇرغان 1500 دەك خىتاي شىركىتىنىڭ تىزىملىكىنى تۇرغۇزغان ئىكەن. خەۋەردە بۇ شىركەتلەرنىڭ 92 سىنىڭ ئىمپورت-ئېكىسپورت بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى «جىخۇا-7555» ناملىق بىر شىركەتنىڭ ھەربىي كىيىم-كېچەك ئىشلەپچىقىرىپ، خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسى، قوراللىق ساقچى قىسىمى ۋە ج خ ئورگانلىرىنى كىيىم-كېچەك بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.