چېخىيە پايتەختى پراگادىن ئاڭلىتىش بېرىۋاتقان «ئازادلىق رادىيوسى» نىڭ تاتار ۋە باشقىرت تىللىرىدىكى ئاڭلىتىشى 1-ئۆكتەبىردىن ئېتىبارەن توختىتىلغانلىقى مەلۇم.
بۇ خەۋەر ئەڭ دەسلەپ «ئازادلىق رادىيوسى» نىڭ 30-سېنتەبىر كۈنىدىكى تاتارچە تور بېتىگە بېرىلگەن بولۇپ، خەۋەردە تاتار ۋە باشقىرت تىللىرىدىكى ئاڭلىتىشنىڭ نېمە سەۋەبتىن توختىتىلغانلىقى توغرىلىق ھېچقانداق ئۇچۇر بېرىلمىگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، «ئازادلىق رادىيوسى» نىڭ تاتار ۋە باشقىرت تىللىرىدىكى ئاڭلىتىشى كۈندە يېرىم سائەت بولۇپ، ئاڭلىتىش نىشانى رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ تاتارىستان ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى، قىرىم جۇمھۇرىيىتى ۋە باشقىرت ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىگە قارىتىلغان ئىكەن.
«ئازادلىق رادىئوسى» بىلەن «ئەركىن ياۋروپا رادىيوسى» 1950-يىللارنىڭ باشلىرىدا ئامېرىكىنىڭ مەبلەغ سېلىشى بىلەن غەربىي گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە تەسىس قىلىنغان. بۇ رادىئو سوغۇق ئۇرۇش باشلانغاندىن كېيىنكى ئامېرىكىنىڭ تاشقى ئىستراتېگىيەسى بىلەن ماسلاشقان بولۇپ، ئۇنىڭ ئاڭلىتىش دائىرىسى سابىق سوۋېت سوۋېتلار ئىتتىپاقى بىلەن شەرقىي ياۋروپادىكى كوممۇنىزم لاگېرىغا تەۋە ئەللەرنى نۇقتا قىلغان ئىكەن.
«ئازادلىق رادىئوسى» ئەينى چاغدا ئورتا ئاسىيا ۋە كافكاز رايونىدىكى تۈركىي تىللارنى ئاساس قىلغان ھالدا 14 خىل تىلدا ئاڭلىتىش بەرگەن. 1950-يىللارنىڭ ئاخىرىدىن ئېتىبارەن ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش باشلىنىپ 1978-يىلىغا كەلگەندە توختىتىلغان ئىدى.
سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلىپ سوغۇق ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، «ئازادلىق رادىئوسى» ميۇنخېندىن چېخىيە پايتەختى پاراگاغا كۆچۈرۈلگەن. «ئازادلىق رادىئوسى» نىڭ يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك داۋاملاشقان تاتار ۋە باشقىرت تىللىرىدىكى ئاڭلىتىشىنىڭ نۆۋەتتە توختىتىلىشى ئاڭلىغۇچىلاردا كۈچلۈك ئىنكاس پەيدا قىلماقتىكەن.