خىتاي دائىرىلىرى خوتەندىكى ئۇيغۇر بالىلىرىغا تور ئارقىلىق «ۋەتەنپەرۋەرلىك» تەربىيەسى باشلىغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020-12-11
Share

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خوتەن ۋىلايىتىدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا تور ئارقىلىق خىتاينىڭ «ۋەتەنپەرۋەرلىك» تەربىيەسى باشلىغان. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 10-دېكابىر باشلانغان سىن ئارقىلىق» يېتىلىشكە ياردەم بېرىش پىلانى: 2020-يىلى شىنجاڭ خوتەن «ناملىق مەزكۇر تەربىيەلەش تۈرى خىتاينىڭ بېيجىڭ شەھەرلىك رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى، ئەيچىيى تور ۋىدېيو مۇنبىرى، خىتاي مائارىپ تەرەققىيات فوندىنىڭ ياردىمىدە يولغا قويۇلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە خوتەن ۋىلايىتىدىكى 850 ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپكە «ئەيچىيى تور ۋىدېيو مۇنبىرى» نىڭ خىتاينىڭ «ۋەتەنپەرۋەرلىك» ئىدىيەسى، «جۇڭخۇا مىللىتى» تەربىيەسى مەزمۇن قىلىنغان 850 تال «ئالتۇن ئەزالىق كارتىسى» تارقىتىپ بېرىلگەن. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاينىڭ خوتەندە يولغا قويغان مەزكۇر دىگىتال تەربىيەلەش تۈرى ئۇيغۇر بالىلىرىدىكى ئۇيغۇر كىملىك ئىدىيەسىنى ئۈزۈل كېسىل يوقىتىشنى مەقسەت قىلغان مېڭە يۇيۇش ھەرىكىتى بولۇپ، بۇ رايوندا داۋام قىلىۋاتقان «مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى» نىڭ پارچىسى ئىكەن.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، مەزكۇر تەربىيەلەش تۈرى 10-دېكابىر خوتەندىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا «مەن ۋە مېنىڭ ۋەتىنىم» ناملىق ۋىدېيو فىلىمىنى قويۇپ بېرىش بىلەن باشلانغان. خەۋەردە، «ئەيچىيى تور ۋىدېيو مۇنبىرى» نىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى ۋاڭ جياۋرۇن، خوتەندىكى ياتاقلىق مەكتەپلەردىمۇ ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ تەربىيەلەش تۈرىگە خوتەندىكى 400 مىڭدىن ئارتۇق ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ھەممىسى قاتناشتۇرۇلىدىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت