خىتاي ھۆكۈمىتى بانكا كارتىلىرىنىڭ چەتئەللەردە ئىشلىتىشىگە چەك قويىدىكەن

خىتاي دائىرىلىرى مەبلەغنىڭ سىرتقا ئېقىشىنى تىزگىنلەش ئۈچۈن خىتاي بانكا كارتىلىرىنىڭ چەتئەللەردە ئىشلىتىلىشىگە چەك قويىدىكەن.

خىتاي تاشقى پېرېۋوت باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئۇقتۇرۇشىغا قارىغاندا، بۇنىڭدىن مەقسەت «پۇل يۇيۇش، باجدىن قېچىش ۋە تېررورىستلارنى پۇل بىلەن تەمىنلەش» قىلمىشلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىكەن.

ئۇلارنىڭ جۈمە كۈنى بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر چارە بۇ يىل 1-سېنتەبىردىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىغان بولۇپ، خىتاي بانكىلىرى كارتا ئىگىلىرى چەتئەلدىكى ۋاقتىدا مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل خەجلەنگەن بولسا دەرھال تاشىقى پېرېۋوت باشقۇرۇش ئىدارىسىگە مەلۇم قىلىشى كېرەك ئىكەن.

جەنۇبىي خىتاي سەھەر گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بانكىلار ئۆز خېرىدارلىرىنىڭ پۇل خەجلەش ئادىتى ۋە كۈندىلىك پۇل خەجلەش ئەھۋالىنى ھەر كۈنى دوكلات قىلىشى شەرت ئىكەن.

ئۇقتۇرۇشقا قارىغاندا، بۇ تۈزۈملەر خىتاي بانكىلىرى تارقاتقان ھەرقانداق خىلدىكى كارتىغا -يەنى مەيلى ئۇ كرېدىت كارتىسى بولسۇن، ياكى ساقلاش كارتىسى بولسۇن ئورتاق ئىكەن.

خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، خىتاي پۇقرالىرى 2016-يىلى چەتئەلگە پېرېۋوت قىلغان ياكى چەتئەلدە خەجلىگەن پۇل جەمئىي 120 مىليارد دوللاردىن ئېشىپ كەتكەن.

خىتاي دائىرىلىرى قانۇنسىز بانكىلار ۋە يەر ئاستى پۇل يۆتكەش تورلىرىغا زەربە بېرىشنى 2015-يىلىدىن بېرى كۈچەيتىپ كېلىۋاتقان ئىدى.

دائىرىلەر 2016-يىلدىكى زەربە بېرىشتە 380 قارا بانكىنى پېچەتلىگەن، 900 مىليون يۈەنگە ئالاقىدار بولغان 800 دىن ئارتۇق گۇماندارنى قولغا ئالغان ئىدى.