بەشەر ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ئاغدۇرۇلۇشى نەتىجىسىدە، خىتاينىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى مەنپەئەتى قاتتىق زەربىگە ئۇچرىغان
2024.12.09
سۈرىيەدىكى ھەيئەتى تەھرىرى شام (HTS) كۈچلىرىنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بەشەر ئەسەد ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىشى خەلقئارادا قىزىق نۇقتىغا ئايلانغان بىر پەيتتە، ئامېرىكا، رۇسىيە ۋە خىتاينىڭ بۇ زور سىياسىي ۋەقەگە بىلدۈرگەن ئىنكاسىمۇ دىققەت قوزغىماقتا.
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېن 9-دېكابىر كۈنى X دا يوللىغان ئۇچۇرىدا، بەشەر ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ئاغدۇرۇلغانلىقىنى تەبرىكلەپ: «ئەسەد ھاكىمىيىتى ئاخىر غۇلاپ چۈشتى، بۇ ھاكىمىيەتنىڭ يوقىتىلىشى ھەق-ئادالەت ھەرىكىتى ھېسابلىنىدۇ. بۇ، ئۇزۇن ۋاقىت ئازاب چەككەن سۈرىيە خەلقىنىڭ ئۆز دۆلىتىنى قايتا قۇرۇپ چىقىشى ئۈچۈن بىر تارىخىي پۇرسەتتۇر» دېگەن، شۇنداقلا كەلگۈسىنىڭ يەنىلا نائېنىق ۋە خەۋپلىك ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.
شياڭ ياڭ ئىسىملىك بىر خىتاي كۆزەتچىنىڭ X دا ئېلان قىلغان ئۇچۇرىغا قارىغاندا، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ تېخى ئۆتكەن يىلى بەشەر ئەسەد بىلەن بېيجىڭدا كۆرۈشكەندە، ئىككى دۆلەت دوستلۇقىنىڭ چوڭقۇر ئىكەنلىكىنى ۋە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ئورنىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىكەن. خىتاي سۈرىيەگە سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە دىپلوماتىيە جەھەتتە زور ياردەملەرنى بەرگەن بولۇپ، ب د ت يىغىنلىرىدا رۇسىيە بىلەن بىرلىكتە سۈرىيەنى قوللاپ، بەشەر ئەسەد ھۆكۈمىتىنىڭ پۇقرالارغا خىمىيەلىك قوراللارنى ئىشلىتىشى سەۋەبىدىن جازا چەكلىمىسىگە ئۇچرىشىغا توسقۇنلۇق قىلىپ كەلگەن. خىتاي يەنە سۈرىيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ياساش تۈرىگە ياردەم بېرىپلا قالماي، 2016-يىلدىن باشلاپ بەشەر ئەسەد ئارمىيەسىنى قوراللاندۇرغان ۋە مەشىقلەندۈرگەن. خىتاي يەنە سۈرىيە ئىستىخبارات ئورۇنلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، «رادىكال ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدىن سۈرىيەگە بېرىپ ئۇرۇشقا قاتنىشىشى» غا توسقۇنلۇق قىلغان. ئۇچۇردا مۇنداق دېيىلگەن: «بۇ قېتىم خىتاينىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىستراتېگىيەلىك مەنپەئەتى يەنە بىر قېتىم قاتتىق زەربىگە ئۇچرىدى. شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ئىتتىپاقدىشى، دوستى بولغان بەشەر ئەسەد سۈرىيە خەلقىنى قىرغانلىقى ئۈچۈن خەلقئارا جازاغا ئۇچرايدۇ، ھالبۇكى بۇ ‹كىچىك مۇستەبىت› چوڭ مۇستەبىت ‹شى جىنپىڭ› تەرىپىدىن ‹ئامېرىكىغا قارشى قەھرىمان› دەپ مەدھىيەلەنگەنىدى».
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خىتاي تەرەپ 5-دېكابىر كۈنى بەرگەن باياناتىدا خىتاينىڭ سۈرىيە ۋەزىيىتىگە دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە بەشەر ئەسەد ھاكىمىيىتى تەرەپتە تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. 9-دېكابىر كۈنى بولسا، خىتاي ئۆز پوزىتسىيەسىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر بولغان. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ماۋ نىڭ: «سۈرىيەنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرىنى سۈرىيە خەلقى بەلگىلەيدۇ» دېگەن.