خىتايدا ئېلىپ بېرىلغان يېقىنقى تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە قارىغاندا خىتايدىكى باي - كەمبەغەللىك پەرقى ئىنتايىن يۇقىرى ئىكەن.
راي سىناش ۋە تەكشۈرۈشنى بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تەشكىللىگەن بولۇپ، بۇنىڭدا خىتاي جەمئىيىتىدىكى ھەر ساھە كىشىلىرىنىڭ كىرىم نىسبىتى تەكشۈرۈلگەن.
تەكشۈرۈشتە خىتاينىڭ دېڭىز ياقىسىدىكى شەھەرلىرىدە ياشايدىغانلار بىلەن چەت رايونلاردا ياشايدىغانلارنىڭ كىرىمىدە ئاسمان - زېمىن پەرق بارلىقى دەلىللەنگەن.
بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خىتايدىكى كىرىمى ئەڭ يۇقىرى 5 پىرسەنت ئادەم پۈتۈن خىتاي نوپۇسى ئومۇمىي كىرىمىنىڭ 23 پىرسەنتىنى كونترول قىلىدىكەن.
تەكشۈرۈشكە قارىغاندا شاڭخەيدىكىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە يىللىق كىرىمى 29 مىڭ يۈەن بولغان بولسا، چەت يېزىلاردىكىلەرنىڭ يىللىق كىرىمى 10 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا بولغان.
مەلۇم بولۇشىچە، تەكشۈرۈشكە خىتاينىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئولتۇرۇشلۇق 57 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم قاتناشتۇرۇلغان.
خىتايدىكى بۇ خىل باي - كەمبەغەللىك پەرقى خىتايدا بارغانچە ئېغىرلىشىۋاتقان شۇنىڭغا ئالاقىدار ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنىڭ مەنبەسى دەپ قارىلىپ كەلگەن ئىدى.