يىللاردىن بۇيان غەرب ئەللىرى رەھبەرلىرى ئۆز دۆلىتىدە ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان مۇسۇلمانلارنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلەپ كېلىۋاتقان بولۇپ، شۇ قاتاردا دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە گۈللىنىشىگە بولغان گۈزەل تىلەكلىرىنى ئىپادىلىگەن.
4-ئاينىڭ 9-كۈنى روزا ھېيت ھارپىسىدا، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېن بىلەن مۇئاۋىن پىرېزىدېنت كامالا ھاررىس X دا ئۇچۇر يوللاپ، دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ بۇ قۇتلۇق بايرىمىنى تەبرىكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئاقساراينىڭ X دىكى ھېسابىدا ئېلان قىلىنغان بۇ تەبرىك سۆزىدە، «بايدىن-ھاررىس ھۆكۈمىتى ئامېرىكادىكى ۋە پۈتۈن دۇنيادىكى مۇسۇلمانلارنىڭ رامىزان بايرىمىنى تەبرىكلەيدۇ. روزا ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!» دېيىلگەن.
ئۇنىڭدىن باشقا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېرېس (Antonio Guterres) X دىكى ھېسابىدا ئۇچۇر يوللاپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ روزا ھېيتىنى تەبرىكلەپ، ياخشى تىلەكلىرىنى بىلدۈرگەن؛ شۇنداقلا مۇسۇلمانلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىغا بولغان قايغۇسىنى ئىپادىلەپ: «غەززە، سۇدان ۋە باشقا جايلاردىكى مۇسۇلمانلار دۇچ كەلگەن ئۇرۇش، ئاچلىق ئاپەتلىرىدىن يۈرىكىم يارا، كۆپلىگەن مۇسۇلمانلار ئۆزىنىڭ بۇ بايرىمىنىمۇ تۈزۈككىنە تەبرىكلىيەلمەيۋاتىدۇ» دېگەن.
ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى رىشى سۇناكمۇ X ھېسابىدا روزا ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن ۋىدىيولۇق نۇتۇق ئېلان قىلىپ، ئەنگىلىيە ۋە باشقا جايلاردىكى مۇسۇلمانلارنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىگەن ھەمدە ئەنگىلىيە جەمئىيىتىگە تۆھپە قوشۇۋاتقان مۇسۇلمانلارغا مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرگەن.
دېموكراتىيە ۋە ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىدىغان بۇ دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ مۇھىم بايراملىرىدىن بولغان روزا ھېيتنى تەبرىكلەۋاتقان بۇ كۈندە، خىتاي ھۆكۈمىتى روزا ھېيت تەنتەنىسىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىدىن يىراقلاشتۇرۇۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭ ئالدىدا داغدۇغىسىنى قىلغان چوكانتال بايرىمى بىلەن روشەن سېلىشتۇرما ھاسىل قىلغان.