خىتاي «BBC» نىڭ خىتايدىكى تارقىتىشىنى چەكلىگەنلىكىنى جاكارلىدى

ئەنگلىيە رادىئو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى «BBC» خىتايدا چەكلەندى. خىتاي ھۆكۈمىتى 11-فېۋرال كۈنى، ئەنگلىيە رادىئو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى «BBC» نىڭ بىر يۈرۈش «ساختا مەلۇماتلارنى» تارقاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇنىڭ خىتايدا تارقىتىش قىلىشىنى چەكلىگەنلىكىنى جاكارلىدى.

شىنخۇا تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي دۆلەتلىك رادىئو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى (NRTA) باياناتىدا مۇنداق دېگەن: «ب ب س نىڭ دۇنيا خەۋەرلىرى قانىلى خىتايغا مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلىرىدە رادىئو-تېلېۋىزىيە باشقۇرۇش ۋە چەتئەل سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيە قاناللىرىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىلىرىدىكى خەۋەرلەر چوقۇم توغرا ۋە بىتەرەپ بولۇشى كېرەكلىكىدەك بەلگىلىمىگە ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغانلىقى بايقالدى، بۇ خەۋەرلەر خىتاينىڭ دۆلەت مەنپەئەتى ۋە مىللىي ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلدى. ب ب س دۇنيا خەۋەرلىرىنىڭ خىتاي زېمىنىدا تارقىتىشىنى داۋاملاشتۇرۇشىغا يول قويۇلمايدۇ. خىتاي رادىئو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى بۇ قانالنىڭ يېڭى يىللىق تارقىتىش ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلمايدۇ» دېگەن.

» دۇنيادىكى نوپۇزلۇق ئاخبارات ئورگىنى بولغان ب ب س يېقىندا لاگېر شاھىتى تۇرسۇناي زىياۋۇدۇننىڭ كەچمىشلىرى ۋە باشقا لاگېر شاھىتلىرىنىڭ گۇۋاھلىقلىرىغا ئاساسەن ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ لاگېرلاردا سىستېمىلىق ھالدا باسقۇنچىلىق ۋە خورلاشقا ئۇچراۋاتقانلىقى ھەققىدە خەۋەر تارقىتىپ زور خەلقئارالىق ئىنكاس قوزغىغانىدى. خەۋەردىن كېيىن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى دەرھال ب ب س نى ئەيىبلەپ، ئۇنى «يالغان خەۋەر تارقاتتى» دېگەن.

بىراق، ب ب س تېلېۋىزىيەسى خىتاينىڭ ئەيىبلەشلىرىنى رەت قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ھەقىقەتنى خەۋەر قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۈگۈن ب ب س نى خىتايدىن چەكلىشى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كۈچلۈك نارازىلىق قوزغىدى. شۇنداقتىمۇ كۆپىنچە كىشىلەر خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتىدىن بۇنىڭدىن ھەيران قالمىغانلىقىنى، چۈنكى خىتاينىڭ ئەزەلدىن زالىم سىياسەتلەرنى ئىجرا قىلىپ كېلىۋاتقان بىر دىكتاتور ھاكىمىيەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشتى.