ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 2025-يىللىق ئەزالىرى ئىچىدە خىتاي ۋە ئۇنى قوللايدىغان مۇستەبىت دۆلەتلەر كۆپ نىسبەتنى ئىگىلىگەن

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز جەۋلان تەييارلىدى
2025.01.02

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 2025-يىللىق ئەزالىرى تىزىملىكىدە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ئېغىر بولغان دۆلەتلەر، ھەتتا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ئىشخانىسى تەرىپىدىن «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزۈۋاتقانلىق ئېھتىمالى بولغان» خىتايمۇ داۋاملىق ئورۇن ئالغان.

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى، يازغۇچى، ب د ت كۆزىتىش ئىشخانىسىنىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى ھىلېل نېۋۇر (Hillel Neuer) 31-دېكابىر ئۆزىنىڭ X ھېسابىدا يوللىغان ئۇچۇرىدا، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 2025-يىللىق ئەزالىرى ئىچىدە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ئېغىر بولغان دۆلەتلەرنىڭ 57 پىرسەنتنى ئىگىلىگەنلىكىنى ئېلان قىلغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە خىتاي، كۇبا، قاتار، سۇدان، ئالجىرىيە، بولىۋىيە، كۇۋەيت، برۇندى، ۋىيېتنام، قىرغىزىستان، بېنگال، كونگو قاتارلىق دۆلەتلەر بار ئىكەن.

2023-يىل 10-ئايدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئەڭ مۇھىم كىشىلىك ھوقۇق ئورگىنى بولغان «كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى» ئەزالىرى سايلانغاندا، خىتاينى ئۆز ئىچىگە ئالغان 15 دۆلەت ئەزالىققا سايلانغان. خىتاي 192 ئاۋازنىڭ 154 گە ئېرىشكەن.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى مايا ۋاڭ رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، خىتاينىڭ بۇنداق كۆپ ئاۋاز بىلەن سايلىنىشىدىكى سەۋەبنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى بويىچە خىتاينىڭ باشقا رىقابەتچىسى بولمىغانلىقىدىن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئەزا 47 دۆلەت كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنىڭ ياخشى-يامان بولۇشىغا قاراپ ئەمەس، بەلكى جۇغراپىيەلىك جايلىشىش ئەھۋالىغا، نوپۇسنىڭ تەقسىملىنىشىگە ئاساسەن بەلگىلىنىدىكەن. مانا بۇ خىتايدىن باشقا يەنە، برۇندى، كۇبا قاتارلىق كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى ناچار دۆلەتلەرنىڭمۇ بۇ تىزىملىكتىن ئورۇن ئېلىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب ئىكەن.

تەتقىقاتچى مايا ۋاڭنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرى داۋام قىلىۋاتقان بىر شارائىتتا بۇ كېڭەشكە ئەزا دۆلەت بولۇپ كىرىشى، ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش رولىغا پاسسىپ تەسىر كۆرسىتىدىكەن، ئەمما باشقا ئەزا دۆلەتلەر خىتاينىڭ بۇ ئورۇندىن پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق جىنايىتىنى ئاقلىشى ياكى يوشۇرۇشىغا پۇرسەت بەرمەسلىكى كېرەك ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.