خىتاينىڭ ھۆكۈمەت ئاخباراتى بولغان «خىتاي خەۋەرلەر تورى» يېقىندا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى 900 دىن ئوشۇق ئاممىۋى تەشكىلات ئىمزا قويغان بىر پارچە ئوچۇق خەتنى ئېلان قىلىپ، بۇ تەشكىلاتلارنىڭ بىردەك مىشېل باچېلېتنى ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتنى ئېلان قىلماسلىققا چاقىرغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
«خىتاي خەۋەرلەر تورى» نىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ھەرقايسى ئەللەردىكى جەمئىي 923 ئاممىۋى تەشكىلات بىرلىكتە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسسارلىقى تەرىپىدىن تەييارلانغان، ئەمما خىتاينىڭ بېسىمى بىلەن ئىككى يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بېرى ئېلان قىلىنمايۋاتقان بۇ دوكلاتنى «ساختا ۋە خىتايغا قارشى كۈچلەرنىڭ يالغان گۇۋاھلىقلىرى بىلەن تولغان» دەپ ئەيىبلىگەن، شۇنداقلا مىشېل باچېلېت ئىشخانىسىنى بۇ دوكلاتنى ئېلان قىلىشنى رەت قىلىشقا چاقىرغان.
ھالبۇكى، فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسى (RFI) نىڭ يۇقىرىقى بۇ ئاتالمىش ئاممىۋى تەشكىلاتلارنى تەكشۈرۈپ كۆرۈشىچە، بۇ 923 تەشكىلاتنىڭ كۆپى خىتاينىڭ ئۆزىدىكى تەشكىلاتلار ئىكەن. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى 700 دىن كۆپرەكى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاتالمىش «ئاممىۋى تەشكىلاتلار» دەپ كۆرسىتىلگەن بولسا، قالغان چەت ئەل تەشكىلاتلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئافرىقا دۆلەتلىرى ھەمدە پاكىستان قاتارلىق خىتاي بىلەن ئىنتايىن قويۇق مۇناسىۋىتى بار دۆلەتلەردىكى «تەشكىلات» لار ئىكەن.
بۇ ئاتالمىش «ئاممىۋى تەشكىلات» لار ئىچىدىكى 138-ئورۇنغا تىزىلغىنى «فرانسىيەدىكى ھۆكۈمەتتىن مۇستەقىل بىر ئاممىۋى تەشكىلات» دېيىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئىسمى «فرانسىيە پولېنىزىيە ۋە تىنچ ئوكيان ئىشلىرى كېڭىشى» (法屬波利尼西亞太平洋事務理) ئىكەن.
فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ ئىگىلىشىچە، ئىنگىلىزچە نامى «تىنچ ئوكيان ئىشلىرى كېڭىشى» بولغان بۇ تەشكىلات ئەسلىدە «خىتاينىڭ چەت ئەللەر بىلەن دوستلۇق جەمئىيىتى» دەپ ئاتالغان تەشكىلاتنىڭ ھەمكارلىقىدا قۇرۇلغان تەشكىلات بولۇپ، ئۇ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ چەت ئەللەرگە سوزۇلغان قولى بولغان «خىتاي مەركىزى بىرلىكسەپ بۆلۈمى» تەرىپىدىن قۇرۇلغان ئىكەن. «تىنچ ئوكيان ئىشلىرى كېڭىشى» نىڭ باشلىقى خىرىيا ئوتتىنو (Hiria Ottino) نىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئىنتايىن قويۇق بولۇپ، ئۇ داۋاملىق ھالدا خىتاينىڭ يىپەك يولىغا مۇناسىۋەتلىك يىغىنلىرىغا قاتنىشىپ كەلگەن ئىكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بىرلىكتە مىشېل باچېلېتنى ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى باستۇرۇپ قويۇلغان دوكلاتنى ئېلان قىلىشقا قىستاۋاتقان بىر پەيتتە، ئاتالمىش «چەت ئەل تەشكىلاتلىرى» نامىدا بۇ دوكلاتنى ئېلان قىلماسلىقنى تەشەببۇس قىلىشى، دىققەت قوزغىماقتا.