كانادا پارلامېنت ئەزالىرى: ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتى فېدىراتسىيە ھۆكۈمىتىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈشى كېرەك

31-ئاۋغۇست كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئىشخانىسى ئۇيغۇر رايونى ھەققىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ، «ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان خەلقلەرنى كوللېكتىپ تۇتقۇن قىلىش ۋەقەسى خەلقئارا جىنايەت، بولۇپمۇ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت شەكىللەندۈرۈشى مۇمكىن» دېگەن يەكۈننى چىقارغان ئىدى. شۇندىن كېيىن، كانادا كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىدىن گارنېت جېنىيۇس (Garnett Genuis)، سولچىلار پارتىيەسىدىن ئالېكسىس برۇننېل (Alexis Brunelle)، ئەركىنلىك پارتىيەسىدىن سامېر زۇبەرى (Sammer Zuberi) قاتارلىق پارلامېنت ئەزالىرى كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرغان.

The Hill Times تورىنىڭ بۇ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، يۇقىرىقى پارلامېنت ئەزالىرى ب د ت نىڭ بۇ دوكلاتىنىڭ كانادا تاشقىي ئىشلار مىنسىتىرى مىلانى جۇلىيغا تەسىر كۆرسىتىپ، خىتاينىڭ بۈگۈنكى جىنايىتىگە ئىنكاس بىلدۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. چۈنكى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا زىيانكەشلىك قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى بۇ دوكلات كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ كۈچلۈك قوللىشىغا ئېرىشسە ۋە ئۇلار بۇ خىل زوراۋانلىققا قارشى تۇرسا، كۆڭۈلدىكىدەك ئىش بولىدىكەن.

گارنېت جېنىيۇس مۇنداق دېگەن: «ھۆكۈمەت چوقۇم ئىرقىي قىرغىنچىلىق پەيدا قىلىشى مۇمكىن بولغان بۇ ئىسپاتلارغا ئىنكاس قايتۇرۇشى كېرەك. ھۆكۈمەتنىڭ بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىشنى خالىماسلىقى ئۇلارنىڭ بۇ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالماسلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئەمما ئۇلارنىڭ شۇنداق مەسئۇلىيەتلىرى بار».

خەۋەردە يەنە كانادا «ئۇيغۇر ھەقلىرىنى قوغداش قۇرۇلۇشى» نىڭ دىرېكتورى مەمەت توختىنىڭ سۆزى نەقىل ئېلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بايان قىلغان بۇ جىنايەتنىڭ ئېغىرلىقىنى نەزەردە تۇتقاندا، كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرمىغانلىقى ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغانلىقى ھېسابلىنىدىكەن. كانادا ھۆكۈمىتى مەجبۇرىي ئەمگەكنى توختىتىش ئۈچۈن خىتاينىڭ ماللىرىغا چوقۇم چەكلىمە قويۇشى كېرەك ئىكەن.