ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى «شىنجاڭدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارالمىغانلىقىدىن ئەپسۇسلانغانلىقى» نى بىلدۈرگەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021-09-13
Share

ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسىارى مىشېل باچىلېت 13‏-سېنتەبىر ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، مەزكۇر رايوندا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قارىتا ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى سادىر بولۇۋاتقانلىقىغا دائىر خەۋەرلەرنى ئېنىقلاشقا مۇۋەپپەق بولالمىغانلىقىدىن ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مىشېل باچېلېتنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلىشقا مۇۋەپپەق بولالمىغان بولسىمۇ، بىراق مەزكۇر رايوننىڭ ۋەزىيىتىگە دائىر دوكلاتىنى ئاخىرلاشتۇرۇش باسقۇچىغا كېلىپ قالغان ئىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تاشقىي دۇنياغا ئوچۇق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىسىمۇ، بىراق ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىنىڭ رايوندا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش تەلەپلىرىگە ئىزچىل ئالدىنقى شەرت قويۇپ، ھەرقانداق تەكشۈرۈشنىڭ «دوستانە زىيارەت» بولۇشىنى، «جىنايى پاكىت توپلاش» مەقسىتىدە بولماسلىقىنى تەلەپ قىلىپ كەلگەن.

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاينىڭ بۇ ئارقىلىق ئاز دىگەندە بىر مىليون 800 مىڭ ئۇيغۇرنى لاگېر ۋە تۈرمىلەرگە قاماش، يۈز مىڭلىغان ئۇيغۇر بالىلىرىنى ئائىلىسىدىن ئايرىپ، يىتىمخانىلارغا ئورۇنلاشتۇرۇش، تۇغۇتنى چەكلەپ، ئۇيغۇر نۇپۇسىنى ئازايتىش، ئۇلارنى يۇرت-ماكانلىرىدىن يۆتكەش، قۇل ئەمگىكىگە سېلىشتەك بىر قاتار «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قىلمىشلىرىنى يوشۇرماقچى بولىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلدى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مىشېل باچىلېت يۇقىرىقى سۆزنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 13‏-سېنتەبىر جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلگەن ئېچىلىش مۇراسىمىدا قىلغان بولۇپ، ئۇ: «مېنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ھەقىقىي رەۋىشتە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش تىرىشقانلىقىم ئىشقا ئاشمىدى، بۇ ھەقتە دوكلات بېرەلمىگەنلىكىمدىن ئەپسۇسلىنىمەن،» دېگەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت