ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ئۇيغۇر دىيارى زىيارىتى توغرىلىق مۇزاكىرە قىلماقتىكەن

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باچىلېت 14-سېنتەبىر كۈنى جەنۋەدە ئۇيغۇرلارغا تۇتقان قورقۇنچلۇق مۇئامىلىسى سەۋەبلىك كۈچلۈك بېسىمغا ئۇچراۋاتقان خىتاي دائىرىلىرى بىلەن ئۇيغۇر دىيارى زىيارىتى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىۋانلىقىنى بىلدۈرگەن. لېكىن ئۇ مۇزاكىرىنىڭ كونكرېت تەپسىلاتىنى ئاشكارىلىمىغان. مىشېل باچىلېت ئىلگىرى بىر قانچە قېتىم ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلارنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن خىتاي تەرەپنىڭ ئۇنىڭغا شەرت قوشۇپ، مۇستەقىل ۋە تەرەپسىز خەلقئارا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى رەت قىلىشى سەۋەبلىك ئۇنىڭ زىيارىتى ھازىرغا قەدەر ئەمەلگە ئاشمىغان ئىدى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مىشېل باچىلېت ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ يىغىدا مۇنداق دېگەن: «ئىشخانام خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ۋەزىيىتى ۋە خىتاينىڭ سىياسىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا كۆرسىتىدىغان تەسىرى ھەققىدە داۋاملىق سۆزلىشىدۇ.» ئۇ يەنە خوڭكوڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە توختىلىپ، خوڭكوڭ دائىرىلىرىنى «خىتاي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنى» نىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى يېقىندىن كۆزىتىشكە، ھەرقانداق بىر سەلبىي ئاقىۋەتكە قارىتا تەدبىر قوللىنىشقا ئىلھاملاندۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 42-نۆۋەتلىك يىغىنى 9-سېنتەبىر باشلانغان. مىشېل باچىلېت 14-سېنتەبىر كۈنى يىغىندا ئېچىلىش نۇتقى سۆزلەپ، دۇنيانىڭ ئومۇمىي كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدە دوكلات بەرگەن. ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى 27-سېنتەبىرگە قەدەر داۋاملىشىدىغان بۇ نۆۋەتلىك يىغىندا كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسلىرى، گۇرۇپپىلىرى ۋە مېخانىزىملىرىنىڭ دوكلاتلىرىنى كۆزدىن كۆچۈرىدىكەن.