ب د ت كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسلىرى: خىتاي ھۆكۈمىتى ب د ت دوكلات قىلغان كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشى كېرەك

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2022.09.07
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالاھىدە ئىشخانىسى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىپ، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە جىددىي قاراش كېرەكلىكى ھەققىدىكى ئورتاق باياناتىنى جاكارلىغان.

ب د ت نىڭ مۇستەقىل كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسلىرى بۇ باياناتىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ب د ت ئېلان قىلغان بۇ دوكلاتتىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشى، دۇنيانىڭمۇ بۇ مەسىلىگە كۆز يۇمماسلىقى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇلار مۇنداق دېگەن: «خەلقئارا جەمئىيەت ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يۈز بېرىۋاتقان سىستېمىلىق كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە سەل قارىماسلىقى ۋە بۇنىڭ ئاز سانلىق مىللەت پۇقرالىرىغا كۆرسىتىۋاتقان تەسىرىگە دىققەت قىلىشى كېرەك».

مۇتەخەسسىسلەر 8-ئاينىڭ 31-كۈنى ئېلان قىلىنغان بۇ دوكلاتنىڭ ئەتراپلىق ۋە پرىنسىپلىق بولغانلىقىنى، چۈنكى ئۇنىڭدا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالاھىدە پروگراممىسىدا خىزمەت قىلغان مەسئۇل خادىملار ۋە خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ تەكشۈرۈش دوكلاتى ۋە كۆز قاراشلىرىنىڭ ئاساس قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇلار يەنە مەزكۇر دوكلاتتا خىتاينىڭ «تېررورلۇق ۋە ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش قانۇن-سىياسىتى» نى سۈيئىستېمال قىلىش ئۇسۇللىرىغا دىققەت قىلىشنى تەۋسىيە قىلغان.

مۇتەخەسسىسلەر يەنە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كېڭىشىنى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى توغرۇلۇق ئالاھىدە يىغىن ئېچىشقا، يىغىندا كىشىلەر كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش، مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىش، دىنىي ئەركىنلىك ۋە سۆز ئەركىنلىكىنى چەكلەش قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلىشقا چاقىرغان. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ پىكرىچە، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كېڭىشى بىر مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنى ھەر يىلى دېگۈدەك نازارەت قىلىپ دوكلات بېرىپ تۇرۇشنى ئويلىشىشى كېرەك. ب د ت يەنە ئالاھىدە ئەلچى تەيىنلەپ، ب د ت غا ئەزا دۆلەتلەر، ب د ت ئورگانلىرى ۋە چوڭ كارخانىلارغا ھەيدەكچىلىك قىلىش ئارقىلىق خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنى ئويلىشىپ باقسا بولىدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.