خىتايدا زىيارەتتە بولغان ب د ت نىڭ رەئىسى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تىلغا ئالمىغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2023.02.03
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

1-فېۋرالدىن باشلاپ خىتايدا 4 كۈنلۈك زىيارەتتە بولغان ب د ت ئومۇمىي قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى چابا كوروسى، خىتاي دائىرىلىرى بىلەن بولغان سۆھبەتتە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىپ قويمىغان. ئاناتولىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، چابا كوروسىنىڭ باياناتچىسى پائۇلىنا كۇبىياك مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە، «شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ دەپسەندە قىلىنىشى، كوروسىنىڭ خىتاي دائىرىلىرى بىلەن بولغان مۇزاكىرىلەردە كۈنتەرتىپكە كەلمىگەنلىكى» نى ئېيتقان. چابا كوروسىنىڭ 1-فېۋرال باشلانغان 4 كۈنلۈك زىيارىتىنىڭ ئاساسلىق كۈنتەرتىپى خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك خىتاي ئەمەلدارلىرى بىلەن تەتقىقاتچىلىرى بىلەن ئۇچۇرۇشۇپ، ئىزچىل تەرەققىيات ۋە سۇ ۋە ئىنشائات قۇرۇلۇشلىرىنى مۇزاكىرە قىلىش بولغان.

ئاناتولىيە ئاگېنتلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، كوروسىنىڭ باياناتچىسى پائۇلىنا كۇبىياك 2-فېۋرال مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە، كوروسىنىڭ «بۈگۈن بېيجىڭدا ۋاڭ يى بىلەن كۆرۈشكەنلىكى» ۋە «خىتاينىڭ ب د ت دىكى رەھبەرلىك رولى، ئۇنىڭ خەلقلەرنى ۋە يەرشارىنى قوللاش تىرىشچانلىقىغا رەھمەت» ئېيتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە سۆھبەتتە خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئىسلاھاتى، ئۇكرائىنا ئۇرۇشى، ئۇنىڭ يەرشارى ئىقتىسادىغا بولغان تەسىرى قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭمۇ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى ئېيتقان. لېكىن پائۇلىنا كۇبىياك ئاناتولىيە ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ سۆھبەتتە كوروسىنىڭ نېمە ئۈچۈن كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ئوتتۇرىغا قويمىغانلىقى ھەققىدىكى بىر سوئالىغا: «كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنمىدى، چۈنكى بۇ ئۇنىڭ كۈنتەرتىپىدىكى مەسىلە ئەمەس» دەپ جاۋاب بەرگەن. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاي سەپىرى رەسمىي زىيارەت بولۇپ، بۇ سۇ مەسىلىدىكى ئىزچىل تەرەققىياتنى مەقسەت قىلغان» ئىكەن.

لېكىن چابا كوروسى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ئىشخانىسىنىڭ ئۆتكەن يىلى ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلغان بولۇشى مۈمكىنلىكى» نى ئېيتقان بولسىمۇ، ئۇنىڭغا كۆز يۇمۇش بىلەن ئەيىبلىنىپ كېلىۋاتقان بىردىن-بىر ئەمەلدار ئەمەس. ب د ت باش كاتىپى ئانتونىئو گوتېررېسمۇ بۇنىڭغا سۈكۈت قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ كەلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.