ب د ت باش كاتىپى خىتاي زىيارىتىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان

ب د ت باش كاتىپى ئانتونىئو گۇتېررېسنىڭ ئۆتكەن ھەپتە بېيجىڭغا قىلغان زىيارىتىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

گۇتېررېس ئۆتكەن ھەپتە خىتايدا زىيارەتتە بولۇپ، بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن «بىر بەلۋاغ بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق يىغىنىغا قاتناشقان. بۇ جەرياندا ئۇ خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن كۆرۈشكەن ئىدى. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ب د ت باش كاتىپىنىڭ باياناتچىسى ستېفان دۇجارىچ 29‏-ئاپرېل مۇخبىرلارغا گۇتېررېسنىڭ ۋاڭ يى بىلەن كۆرۈشكەندە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بىلدۈرگەن. رويتېرسنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ستېفان دۇجارىچ «باش كاتىپ خىتاي دائىرىلىرى بىلەن ئالاقىدار مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسىنى سۆزلەشتى. . . . بۇ شىنجاڭ مەسىلىسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ» دېگەن. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، گۇتېررېس خىتاي تەرەپكە «ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باشېلىتنىڭ بۇ مەسىلىدىكى تەشەببۇسىنى تولۇق قوللايدىغانلىقى» نى يەتكۈزگەن.

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى باشېلىت خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا خەلقئارا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا يول قويۇشىنى تەلەپ قىلىپ كەلگەن ئىدى. رويتېرسنىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، ستېفان دۇجارىچ يەنە ب د ت باش كاتىپىنىڭ بۇ مەسىلىدە «يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا سورۇنلاردىكى مەيدانى بىردەك» ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ئۇنىڭ بۇ مەيدانى «خىتاينىڭ بىرلىكى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە تولۇق ھۆرمەت قىلىشنى. . . . . . . . . شۇنىڭدەك تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشى ۋە زوراۋان ئاشقۇنلۇقنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا كىشىلىك ھوقۇققا تولۇق ئەمەل قىلىش كېرەكلىكى» نى ئاساس قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

گۇتېررېس خىتاينى زىيارەت قىلىشنىڭ ھارپىسىدا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق بېسىمىغا ئۇچرىغان. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئۇنىڭ ھازىرغىچە ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق كرىزىسىگە سۈكۈت قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى قاتتىق تەنقىدلەپ، بۇ قېتىم ئۇنىڭ مەزكۇر مەسىلىدە خىتاينى ئاشكارا تەنقىدلىشىنى، لاگېرلارنى تاقاش ھەققىدە شى جىنپىڭغا بېسىم ئىشلىتىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى. CNN نىڭ خەۋىرىدە تەكىتلىنىشىچە، ستېفان دۇجارىچ «خىتاي تەرەپنىڭ ئىنكاسىغا ب د ت باش كاتىپى قايىل بولدىمۇ؟»، دېگەن سوئالغا جاۋاب بەرمىگەن.