ب د ت: «ئۇيغۇر سەبىيلىرىنىڭ ئائىلە جۇدالىقى ۋە تىل سىياسىتى مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيەدۇر! »

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەزىز تەييارلىدى
2023.09.27

ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىقنىڭ بىر مۇھىم مەزمۇنى ئۇيغۇر سەبىيلىرى دۇچ كېلىۋاتقان ئائىلە جۇدالىقى بولۇپ، يېقىندا بۇ مەسىلە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ بىر گۇرۇپپا مۇتەخەسسىسلىرى نامىدىن رەسمىي ئوتتۇرىغا قويۇلدى. شۇنىڭدەك بۇ ھالنىڭ مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە ئىكەنلىكى رەسمىي ھالدا جاكارلاندى.

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىنىڭ ئىشخانىسى 26-سېنتەبىر ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى باياناتنى ب د ت نىڭ مەدەنىيەت ھەقلىرى، مائارىپ ۋە كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدىكى ئالاھىدە مەلۇماتچىلىرىدىن فېرناند ۋارېننېس (Fernand de Varennes) قاتارلىق ئۈچ كىشى تەييارلاپ چىققان. بۇ ب د ت ئېلان قىلغان ئۇيغۇر دىيارى ھەققىدىكى يەنە بىر يېڭى دوكلات بولۇپ، بۇنىڭدا خىتاي ھۆكۈمىتى ماڭدۇرۇۋاتقان «ياتاقلىق مەكتەپ» سىستېمىسىنىڭ ئۇيغۇر بالىلىرىنى ئانا تىل ئۆگىنىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالدۇرۇش، ئۇلارنى مەجبۇرىي ھالدا ئائىلىسىدىن ۋە ئۇيغۇر جامائىتىدىن جۇدا قىلىش رولىنى ئويناۋاتقانلىقى تەنقىدلەندى. شۇنىڭدەك بۇنى «مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە» دەپ يەكۈنلىدى. دوكلاتتا «بىز ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ مەجبۇرىي ھالدا خىتايچە تىلغا ۋە خىتاي مەدەنىيىتىگە ئاسسىمىلياتسىيە بولۇۋاتقانلىقىدىن چوڭقۇر ئەندىشە قىلماقتىمىز» دېيىلىدۇ.

باياناتتا ئېيتىلىشىچە، بۇ خىلدىكى «ياتاقلىق مەكتەپ» لەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئاتا-ئانىسى لاگېرلارغا قامالغان ياكى چەتئەللەرگە چىقىپ كەتكەن بولغاچقا، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ بالىلارنى دارىلئېتاملارغا ۋە ياتاقلىق مەكتەپلەرگە توپلىغان. ئاندىن بۇ جايلاردا ئۇلارغا خىتايچە تىل ۋە مەدەنىيەت سىڭدۈرۈلگەن. تېخىمۇ مۇھىمى، خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندىن بۇيان بۇ خىلدىكى ياتاقلىق مەكتەپلەرنى زور دەرىجىدە كۆپەيتىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭ ئەكسىچە ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان يەنە بىر ھادىسە ئۇيغۇر تىلىدىكى مەكتەپلەرنىڭ زور كۆلەمدە تاقىلىشى بولغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.