ب د ت ئەمەلدارى ب د ت نىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتىنىڭ خىتايغا بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2022.04.29

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ئىشخانىسىنىڭ بىر ئەمەلدارى ب د ت نىڭ تەييارلىغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتىنىڭ خىتايغا بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئامېرىكادىكى «CNS خەۋەرلىرى» ناملىق تور بېكىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ئىشخانىسىنىڭ باياناتچىسى لىز ترۇسسېل 28-ئاپرېل دوكلاتنىڭ ئالدى بىلەن خىتايغا كۆرسىتىلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان. خەۋەردە لىز ترۇسسېلنىڭ «ئ‍ىشخانا تەرىپىدىن تەييارلانغان باشقا دوكلاتلارغا ئ‍وخشاش خىتاي بۇنىڭغا ئالاقىدار دۆلەت بولۇش سۈپىتىدە ھۆكۈمەتنىڭ ئۆز قارىشىنى ئىپادىلىشى ياكى ئىلگىرىلەپ ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىشى ئۈچۈن دوكلات ئۇنىڭغا ۋاقتىدا سۇنۇلىدۇ» دېگەن.

لىز ترۇسسېل بۇ سۆزلەرنى خەلقئارا جەمئىيەت ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئ‍الى كومىسسارىياتى ئىشخانىسىنىڭ تەييارلىغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتىنى تېزرەك ئېلان قىلىشنى تەلەپ قىلىۋاتقان بىر ۋاقىتتا ئېيتقان. ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلېتنىڭ ئىشخانىسى ئۆتكەن يىلى 11-ئايدا رادىيومىزغا بەرگەن ئۇچۇرىدا دوكلاتنىڭ پۈتۈپ بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن، ئەمما قاچان ئېلان قىلىنىدىغانلىقىنى ئېيتىشنى رەت قىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن باچېلېتنىڭ ئىشخانىسى دوكلاتنىڭ يېقىن ئارىدا ئېلان قىلىنىدىغانلىقىنى بىر قانچە قېتىم تەكىتلىگەن بولسىمۇ، بىراق ھازىرغا قەدەر كېچىككەن.

باچىلېت بۇ يىل 3-ئاينىڭ باشلىرىدا خىتاي بىلەن ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلىش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، دوكلات زىيارەتتىن كېيىن ئېلان قىلىنامدۇ، دېگەن سوئاللارنى پەيدا قىلغان ئىدى. «CNS خەۋەرلىرى» نىڭ ئېيتىشىچە، لىز ترۇسسېل بۇ زىيارەتتە باچىلېت ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىياتى ئىشخانىسىنىڭ «خىتاي دائىرىلىرى بىلەن بىرقاتار ئىچكى، رايون خاراكتېرلىك ۋە يەرشارى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى بويىچە دىئالوگدا بولىدىغانلىقى» نى ئېيتقان. بۇنىڭ ئالدىدا ئامېرىكانىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق ئەلچىسى لىندا توماس گرېنفېلت باچېلېتنىڭ دوكلاتنى ئېلان قىلىشقا چاقىرغانىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.