ئامېرىكانىڭ ب د ت دىكى ئەلچىسى ب د ت نى ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان دەپسەندىچىلىككە «قىزىقماسلىق ۋە ئەندىشە قىلماسلىق» بىلەن تەنقىد قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020.10.30

ئامېرىكانىڭ ب د ت دىكى ئاياللار ئىشلىرى باش ئەلچىسى كەرىي كيۇرى ب د ت نى ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان دەپسەندىچىلىككە «قىزىقماسلىق، ئۇنىڭدىن ئەندىشە قىلماسلىق» بىلەن ئەيىبلىگەن. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، ب د ت ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىدە قۇرۇلغان تەشكىلات بولسىمۇ، لېكىن ئۇ بوسنىيە، رىۋاندا ۋە دائېشنىڭ ئىراق بىلەن سۈرىيەدىكى يەزىدىلەرگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالالمىغىنىدەك، شىنجاڭ ۋەزىيىتىگىمۇ زۇۋان سۈرمەي كەلمەكتە ئىكەن. كەرىي كيۇرى بۇ سۆزلەرنى 29-ئۆكتەبىر ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ساھىبخانىلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاياللار مەسىلىسى ھەققىدىكى تېلېفون سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان.

ئۇ: «بىز ھازىر ب د ت نىڭ يەنە شىنجاڭ ۋەزىيىتىگە ئاۋاز چىقارمايلا قالماستىن، بەلكى بۇ جەھەتتىكى ئىنتايىن جىددىي ۋە ئىنتايىن ئىشەنچلىك بايانلارنى ھەقىقىي رەۋىشتە تەكشۈرۈپ، دۇنيانىڭ قانداق ئىشلار بولۇۋاتقانلىقىنى بىلىشىگە ياردەمدە بولمىغانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز،» دېگەن. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، ب د ت بۇنىڭ ئەكسىچە خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن كېلىشىملەرنى ئىمزالاپ، خىتاينىڭ ئۈرۈمچىدىن باشلانغان «بىر بەلۋاغ بىر يول» پىلانىنى قوللىماقتىكەن.

كەرىي كيۇرى بۇ سۆزلەرنى «خىتاي ھۆكۈمىتى ئاياللارنى بالا چۈرۈشكە مەجبۇرلىغانلىقى ياكى ئۇلارغا مەجبۇرىي تۇغماسلىق ئۈزۈكى سالدۇرغانلىقى ئۈچۈن ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىلەن سوتلىنالامدۇ» دېگەن سوئالغا قارىتا ئېيتقان. ئۇ خىتاينىڭ ھەرىكىتىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق، دەپ ئوچۇق ئېيتمىغان بولسىمۇ، لېكىن «بۇلار ئىنتايىن ئېغىر جىنايەت ۋە جىددىي بايانلار. بىز نېمە ئىش بولۇۋاتقانلىقىنى داۋاملىق چۈشىنىشكە تىرىشىش بىلەن بىرگە، دەلىل ۋە قانۇنلارغا، جۈملىدىن ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى تۇرۇش ئەھدىنانمىسى› ۋە باشقا قانۇنىي ۋاستىلاردىكى تەلەپلەرگە قاراۋاتىمىز،» دېگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.