ب د ت دا خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى دەرھال تاقىشى تەلەپ قىلىندى

ياۋروپادىكى بەزى دۆلەتلەر ب د ت دا خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى تاقىشىنى دەرھال تەلەپ قىلغان. ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 38‏-نۆۋەتلىك يىغىنى 27‏-ئىيۇن كۈنى جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى. يىغىندا ئەنگلىيە، گېرمانىيە، شۋېتسارىيە، بۇلغارىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئۆزلىرىنىڭ لاگېرلار مەسىلىسىدىكى ئەندىشىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە بارلىق لاگېرلارنى تاقاشنى تەلەپ قىلغان. يىغىندا بۇلغارىيە ۋەكىلى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ۋاكالىتەن قىلغان سۆزىدە، «شىنجاڭدا سىياسىي قايتا-تەربىيەلەش لاگېرلىرىنىڭ كېڭىيىۋاتقانلىقىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى» نى تەكىتلىگەن. گېرمانىيە ۋەكىلى خىتاينىڭ كۈنسېرى ناچارلىشىپ كېتىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىدىن، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەر ھەم دىنىي گۇرۇھلارنىڭ ۋەزىيىتىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «بىز خىتاينى بارلىق قايتا تەربىيىلەش لاگېرلىرىنى تاقاشقا ۋە بارلىق كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرىنى قويۇپ بېرىشكە چاقىرىمىز» دېگەن.

ئەنگلىيە ۋەكىلى، «خىتاينىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرنى ۋە تىبەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خىتايدىكى پۈتۈن رايونلاردا دىنىي ئەركىنلىكنىڭ چەكلىنىشىگە ۋە شۇنداقلا شىنجاڭدىكى قايتا تەربىيىلەش لاگېرلىرىغا دائىر مەلۇماتلاردىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى» نى بىلدۈرگەن. شۋېتسارىيە ۋەكىلى، ئۇيغۇر رايونىدا يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنىڭ كېڭەيتىلىۋاتقانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىنىۋاتقانلىقىغا دائىر خەۋەرلەردىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇ، «شۋېتسارىيە خىتاينى كىشىلەرنى تۇتقۇن قىلىشتا قانۇنى رەسمىيەتكە ئەمەل قىلىشقا، ئاز سانلىق مىللەتلەرنى تۈپ كىشىلىك ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكىگە بىردەك كاپالەتلىك قىلىشقا، ئۇلارنى كەمسىتمەسلىككە چاقىرىدۇ» دېگەن. لېكىن، يىغىندا خىتاي ۋەكىلى يۇقىرىقى دۆلەتلەرنىڭ تەنقىدىنى رەت قىلغان. ئۇ، ياۋروپا ئىتتىپاقى، شۋېتسارىيە، ئەنگلىيە، گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنى مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش، خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ۋە ئەدلىيە ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئارىلىشىش بىلەن تەنقىد قىلغان بولسىمۇ، لېكىن لاگېرلار مەسىلىسىنى تىلغا ئالمىغان. خەلقئارا مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ھازىر بىر مىليون 100 مىڭدەك ئۇيغۇر يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا تۇتۇپ تۇرۇلماقتا ئىكەن.