چەتئەل تاراتقۇلىرى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى تارقىتىش پىلانلىرىدىن ۋاز كېچىشكە چاقىرىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021-09-08
Share

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ، ئامېرىكانىڭ NBC تورىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان چەتئەل تاراتقۇلىرىنى ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئولىمپىكى» دەپ ئاتالغان بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى تارقىتىش پىلانىدىن ۋاز كېچىشكە چاقىرغان.

ئۇيغۇر، خوڭكوڭ، تىبەتلەرنى ئ‍ۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيادىكى 200 دىن ئارتۇق تەشكىلات بىرلىشىپ ئېلان قىلغان بۇ چاقىرىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىغا 6 ئايدەك ۋاقىت قالغان شۇنداقلا توكيۇ يازلىق ئولىمپىكى بىلەن توكيو مېيىپلەر ئولىمپىكىنىڭ ئارقىسىدىنلا ئېلان قىلىنغان.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئ‍وچۇق خەت خەلقئارادىكى 26 ئاخبارات گۇرۇھىغا يېزىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ بىر نۇسخىسى 7-سېنتەبىر NBC نىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى جەف شېلغىمۇ ئەۋەتىلگەن. NBC كەلگۈسىدىكى 6 قېتىملىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ تارقىتىش ھوقۇقى ئۈچۈن 7 مىليارد 750 مىليون دوللار تۆلىگەن بولۇپ، ئۇ خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ ئەڭ يېقىن شېرىكلىرىنىڭ بىرىدۇر. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ پۇل خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى ئومۇمى كىرىمىنىڭ 40 پىرسەنتىنى دېگۈدەك تەشكىل قىلىدىكەن.

ئوچۇق خەتتە: «سىلەر بارلىق شىركەتلەر خىتاينىڭ ئېغىر ۋە داۋاملىق يامانلىشىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى تەنتەربىيە ئارقىلىق يۇيۇش پىلانىغا شېرىك بولۇش ۋە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ھەرىكىتىگە ئىلھام بېرىش خەۋپىگە دۇچ كەلمەكتە…. . سىلەرنىڭ شىركەتلىرىڭلار 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنى تارقىتىشى ئارقىلىق بۇ دەپسەندىچىلىكنى قانۇنلاشتۇرىدۇ ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق مۇسابىقىسى، دەپ قارالغان بۇ ئويۇنغا تۈرتكە بولىدۇ» دېيىلگەن.

بۇ ئوچۇق خەتكە ئۇيغۇرلاردىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ئۇيغۇر ھەرىكىتى قاتارلىق تەشكىلاتلار ئىمزا قويغان.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت