ئامېرىكانىڭ ئىككى پالاتا ئەزاسى NBC قانىلىدىن بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىدا ئۇيغۇرلار توغرىلىقمۇ خەۋەر بېرىشنى تەلەپ قىلغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021.12.17

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ نوپۇزلۇق ئىككى نەپەر پالاتا ئەزاسى ئامېرىكا NBC ئۇنىۋېرسال قانىلىنىڭ ئ‍ىجرائىيە دىرېكتورى جەف شېلغا خەت يېزىپ، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنى نەق مەيداندىن تارقىتىدىغان بۇ قانالنىڭ پروگراممىلىرىدا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگىمۇ ئورۇن بېرىشنى تەلەپ قىلغان. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ خەتنى دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ قوش رەئىسلىرىدىن كېڭەش پالاتا ئەزاسى جېف مېركلېي بىلەن ئاۋام پالاتا ئەزاسى مېكگوۋېرن 16-دېكابىر كۈنى يازغان.

خەتتە، «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى، خوڭكوڭدىكى دېموكراتىيەنى باستۇرۇشىغا ئائىت ئارقا كۆرۈنۈشلەرنى تارقىتىشقا رىئايە قىلىش» تەلەپ قىلىنغان. بۇ خەتتە يەنە NBC نىڭ «مۇسابىقە جەريانىدا خىتاي دائرىلىرىنى ئاخبارات ۋە دىنىي ئەركىنلىكنى ئاشكارا ئېتىراپ قىلىشقا قىستىشى، شۇنداقلا ئۇيغۇر ياكى باشقا مۇسۇلمان ئاز سانلىق خەلقلەرنىڭ خىتاينىڭ جىنايەتنى يوشۇرۇن مەقسىتىدىكى ‹خۇشال ئاز سانلىق مىللەتلەر› تەشۋىقاتىغا ئائىت كۆرۈنۈشلەرنى تارقىشتىن يىراق تۇرۇشى» چاقىرىلغان.

جېف مېركلېي بىلەن جېيمىس مېكگوۋېرننىڭ خېتى ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لايىھەسى» نى بىردەك ئاۋاز بىلەن ماقۇللىغان كۈنى يېزىلغان. خەتتە «تەنھەرىكەتچىلەر، تايانچ خادىملار ۋە ئاخبارات خادىملىرىنىڭ ئاكتىپ ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈز بېرىۋاتقان بىر دۆلەتتە بولىدىغانلىقى»، NBC ئۇنىۋېرسال قانىلىنىڭ «ئولىمپىك نىزامىغا ئەمەل قىلىپ، ئۇنىۋېرسال ۋە تۈپ ئەخلاقىي پرىنسىپلارنى ئالغا سۈرۈشى» تەلەپ قىلىنغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.