2021-يىلى مايدا بېلگىيە ھۆكۈمەت تور بەتلىرىگە قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھەمدە بېلگىيە پارلامېنتىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىنىڭ كېچىكىشىگە سەۋەب بولغان خاككېرلىق ھۇجۇمىنىڭ كەينىدە خىتاي جاسۇسلىرى بارلىقى دەلىللەنگەن.
بېلگىيەدىكى خۇمو «HUMO» ۋە ئاپاچى «Apache» ناملىق خەۋەر تورلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 2021-يىلى 5-ئاينىڭ 4-كۈنى، بېلگىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمەتلىرىنىڭ ئاقساپ قېلىشىغا سەۋەب بولغان زور كۆلەملىك خاككېرلىق ھۇجۇمىنىڭ كەينىدە بېلگىيە پارلامېنت ئەزاسى فىلىپ دېۋىنتېر (Filip Dewinter) بىلەن ئۇزۇن يىل قويۇق ئالاقە قىلىپ كەلگەن خىتاي جاسۇسى شاڭ چاۋچۈننىڭ قولى بار ئىكەن.
يۇقىرىدىكى ئىككى گېزىت مۇخبىرلىرى شاڭ چاۋچۈننىڭ قول ئاستىدىكىلەر بىلەن ئۈندىداردا قىلىشقان گەپلىرىنى كۆرگەن بولۇپ، ئۇ خېتىدە «ئۆزىنىڭ بېلگىيە پارلامېنتىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئورۇنلاشتۇرغانلىقىدىن قاتتىق خاپا بولغانلىقىنى» تىلغا ئالغان ئىكەن.
يۇقىرىدىكى خەۋەر ئورگانلىرىنىڭ دېيىشىچە، خىتاينىڭ بېلگىيە ھۆكۈمەت تورىغا قاراتقان بۇ خاككېرلىق ھۇجۇمى ئۇچۇرغا ياكى پۇلغا ئېرىشىشنى ئەمەس، بەلكى ئۆچ ئېلىشنى مەقسەت قىلىپ قوزغىتىلغان ئىكەن.
لاگېر شاھىتلىرىدىن قەلبىنۇر سىدىق خانىم ئەينى چاغدا بېلگىيە پارلامېنتىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرى توغرىسىدا گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىغا قاتناشماقچى بولغاندا تۇيۇقسىز كەڭ كۆلەملىك تور ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، پائالىيەت ئەمەلدىن قالغان ۋە كېلەر ھەپتىگە كېچىككەن ئىدى. ئەينى چاغدا بېلگىيە تاراتقۇلىرى بۇ ھۇجۇمنىڭ كەينىدە خىتاي ھۆكۈمىتى بارلىقى ھەققىدىكى گۇمانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، ئۇنى دەلىللىيەلمىگەن ئىدى.