ب د ت باش كاتىپى بېرمانى روھىنگا مۇسۇلمانلىرىغا قارىتىلغان زوراۋانلىققا خاتىمە بېرىشكە چاقىردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2017-09-29
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ب د ت باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېس پەيشەنبە كۈنى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە دوكلات بېرىپ، بېرما رەھبەرلىرىنى ئۇنىڭ ھەربىي باستۇرۇشىدىن قاچقان روھىنگا مۇسۇلمانلىرىنىڭ «قاباھەتلىك» ئەھۋالىغا خاتىمە بېرىشكە چاقىردى.

ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بېرما ئارمىيەسى بۇ يىل ئاۋغۇستنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ روھىنگا مۇسۇلمانلىرىنى كەڭ كۆلەملىك تازىلاشقا كىرىشكەندىن بۇيان يېرىم مىليوندىن ئارتۇق مۇسۇلمان بېنگالغا قېچىپ بارغان.

ئۆتكەن ھەپتە ب د ت باش كاتىپى گۇتېررېس ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى رائاد ئەل ھۈسەيىن، بېرما دائىرىلىرىنىڭ ھەرىكىتىنى «ئېتنىك تازىلاش» دەپ جاكارلىغان.

خەۋپسىزلىك كېڭىشى كومىسسارى رائاد ئەل ھۈسەيىننىڭ بۇ سۆزگە چۈشەنچە بېرىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

ئانتونىيو گۇتېررېس خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە قىلغان سۆزىدە، بېرمادىكى «ۋەزىيەت دۇنيادىكى ئەڭ تېز تەرەققىي قىلىۋاتقان مۇساپىرلار مەسىلىسىگە، يەنى بىر قاباھەتلىك ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىگە ئايلاندى» دېگەن.

يىغىندا، بېرما دائىرىلىرىنىڭ ئەڭ قاتتىق تەنقىد قىلغان تەرەپ ئامېرىكانىڭ ب د ت تۇرۇشلۇق ئەلچىسى نىككى ھالېي بولدى. ئۇ، بېرما دائىرىلىرىنى «داۋاملىق رەھىمسىزلەرچە ھەرىكەت ئېلىپ بېرىپ، بېرمادىكى ئاز سانلىق مىللەتنى تازىلاش» بىلەن ئەيىبلىگەن ۋە بۇنىڭ ‏بېرما رەھبەرلىرىگە نىسبەتەن «نومۇس قىلارلىق ئەھۋال» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

لېكىن يىغىندا خىتاي بىلەن رۇسىيە بېرما ھۆكۈمىتىنى قوللىغان. خىتاينىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى ۋۇ خەيتاۋ «خەلقئارا جەمئىيەت بېرما ھۆكۈمىتى دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلارغا دىققەت قىلىشى، سەۋرچان بولۇپ، ئۆزىنىڭ ياردىمىنى قىلىشى كېرەك» لىكىنى تەكىتلىگەن.

رۇسىيە ب د ت دا تۇرۇشلۇق ئەلچىسى ۋاسىلىي نېبېنزىيا، «بىز ئېتنىك تازىلاش، ئىرقىي قىرغىنچىلىق، دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتكەندە ئېھتىيات قىلىشىمىز» دېگەن.

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى ئىلگىرى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى روھىنگا كرىزىسىدا سۆرەلمىلىك قىلىش بىلەن تەنقىدلىگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت