بېرمۇدا سابىق باش مىنىستىرى: ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلىپ توغرا قىلغىنىمدىن پەخىرلىنىمەن

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2017.06.22

بېرمۇدا رويال گېزىتى بۈگۈن، گۈەنتانامودىن قويۇپ بېرىلگەن 4 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ بېرمۇداغا ئورۇنلاشقانلىقىنىڭ 8 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بېرمۇدانىڭ سابىق باش مىنىستىرى ئېۋارت بروۋن ئەپەندىنى زىيارەت قىلغان.

ئېۋارت بروۋن ئەينى چاغدا 4 ئۇيغۇرنى قوبۇل قىلىش جەريانىدا ئاقساراي بىلەن ئۆتكۈزگەن مەخپىي سۆھبەتلەر ۋە بېرمۇدادا مەسلەكداشلىرى بىلەن قىلىشقان تالاش-تارتىشلارنى ئەسلەپ ئۆتكەندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ ئەينى چاغدىكى بۇ تۆت ئۇيغۇرنى قوبۇل قىلىش قارارىغا بۈگۈن پۇشايمان قىلمايلا قالماستىن، بەلكى ئىپتىخارلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

سابىق گۈەنتانامو تۇتقۇنلىرىدىن ئابدۇللا ئابدۇقادىر، سالاھىدىن ئابدۇلئەھەد، خېلىل مامۇت ۋە ئابلىكىم تۇراخۇن، 2009-يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرى بېرمۇداغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىدى. بۇلارنىڭ گۇناھسىز ھالدا گۈەنتانامودا 8 يىل ياتقانلىقى، بېرمۇداغا كەلگەندىن بۇيانقى ئىشچان ۋە ئىنتىزامچانلىقى ھەققىدە تەسىراتىنى بايان قىلغان ئېۋارت بروۋن: «ئەگەر ھۆكۈمەتتە يەنە بىر نۆۋەت ۋەزىپەم بولغان بولسا، ئامېرىكا ۋە برىتانىيە تەرەپ بىلەن سۆزلىشىپ، بۇلارغا ياردەم قىلىش ئۈچۈن يەنە بىر تىرىشىپ باققان ۋە ئادالەت جەھەتتىكى كەمتۈكلۈكلەرنىڭ تولۇقلىنىشىغا كۈچەپ باققان بولاتتىم» دېگەن.

گۈەنتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلغان 22 ئۇيغۇر مەسىلىسىدە خىتاي خەلقئارادا ئۇزۇن مەزگىل سەلبىي تەشۋىقات ئېلىپ بارغان، ئۇلارنىڭ تىنچلىققا تەھدىت ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ دۆلەتلەرنىڭ قوبۇل قىلماسلىقىنى تەۋسىيە قىلغان ۋە ئامېرىكىدىن ئۇلارنى ئۆزلىرىگە قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. ئامېرىكا خىتاينىڭ تەلىپىنى رەت قىلىپ، گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى ئالبانىيە، بېرمۇدا، پالاۋ ۋە سالۋادور قاتارلىق دۆلەتلەرگە ئورۇنلاشتۇرغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.