جوۋ بايدېننىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە سۆز قىلىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنى بەكمۇ پەرىشان قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2021-10-19
Share

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن 15-ئۆكتەبىر كۈنى قىلغان سۆزىدە ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنى يەھۇدىيلار دۇچ كەلگەن زور قىرغىنچىلىق بىلەن باراۋەر يوسۇندا تىلغا ئالغانىدى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جاۋ لىجيەن 18-ئۆكتەبىردىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆز قىلىپ «ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ھىمايىچىسى بولۇش سالاھىيىتى يوق» دېگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كانىيى بولغان شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 19-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، جاۋ لىجيەن مۇخبىرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ «شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى تولىمۇ بەختىيار ياشاۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ بارچە ھەقلىرى تولۇق قانۇنىي كاپالەتكە ئىگە» دېگەن. شۇنداقلا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى تەنقىدلەپ «ئامېرىكا تۇپرىقىدا ئىرقىي كەمسىتىش ئېغىرلاۋاتىدۇ. ئامېرىكا ئۆتكەنكى تاجسىمان ۋىرۇسى مەزگىلىدە ۋىرۇسقا تاقابىل تۇرالماي 700 مىڭ كىشىنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولدى. ئامېرىكا ھەرقاچان يوقىلاڭ ئىشلارنى باھانە قىلىپ ئۇرۇش قوزغايدۇ ھەمدە بىگۇناھ خەلقنى ئۆلتۈرىدۇ» دېگەندەك بىر قاتار سۆزلەرنى قىلغان.

جاۋ لىجيەن بۇ خىلدىكى سۆزلەرنى ئىلگىرىمۇ كۆپ قېتىم ئېيتقان بولۇپ، ھەدىسە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆتمۈشتە ئىندىيانلارنى قىرغىن قىلغانلىقىنى بۇنىڭغا مىسال قىلغانىدى. بۇ قېتىم ۇ بىۋاسىتە پرېزىدېنت جوۋ بايدېننىڭ سۆزىگە قوپاللىق بىلەن ھۇجۇم قىلدى.

ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزاسى ماركو رۇبيو بۇ خىلدىكى ھۇجۇملارغا ئىنكاس قايتۇرۇپ؛ «ئامېرىكا تارىخىدا يۈز بەرگەن خاتالىقلارنى تەكىتلەش ئارقىلىق ھازىرقى كۈندىكى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنى ئاقلاشقا ئۇرۇنۇش سېپى ئۆزىدىن ھاماقەتلىك» دېگەنىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت