پرېزىدېنت جو بايدىن خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنى يەنە «دىكتاتور» دەپ ئاتىدى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئىرادە تەييارلىدى
2023.11.16

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جو بايدىن خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنى يەنە بىر قېتىم «دىكتاتور» دەپ ئاتىغان.

پرېزىدېنت جوۋ بايدىن 15-نويابىر كۈنى خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن ئامېرىكانىڭ سان-فىرانسىسكو شەھىرىدە ئۇچرىشىپ، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى مۇھىم مەسىلىلەر ئۈستىدە سۆھبەتلەشكەن ئىدى. پرېزىدېنت بايدىن ئۇچرىشىشتىن كېيىن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەندە بىر مۇخبىر ئۇنىڭدىن «سىز بۈگۈنكى ئۇچرىشىشتىن كېيىن شى جىنپىڭنى يەنە ‹دىكتاتور› دەپ ئاتامسىز؟» دەپ سورىغان. ئۇ بۇ سوئالغا مۇنداق جاۋاب بەرگەن:

««قاراڭ، ئۇ بىر مۇستەبىت، يەنى ئۇ بىز بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان ھۆكۈمەت شەكلىنى ئاساس قىلغان بىر كوممۇنىستىك دۆلەتنىڭ باشلىقى.»

پىرېزىدېنت بايدىن بۇ يىل 6-ئايدا كالىفورنىيەدىكى بىر پائالىيەتتە شى جىنپىڭنى ئاشكارا ھالدا «دىكتاتور» دەپ ئاتىغان، شۇنداقلا خىتاينىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتە مۈشكۈلاتتا قالغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى. ئەينى چاغدا ئۇنىڭ بۇ سۆزى خىتاي تەرەپنىڭ قاتتىق نارازىلىقىغا دۇچ كەلگەن. پىرېزىدېنت جوۋ بايدىننىڭ بۇ قېتىم شى جىنپىڭ بىلەن يۈز كۆرۈشكەندىن كېيىنمۇ ئوخشاش سۆزنى تەكرارلىشى ئاخباراتلارنىڭ قىزىق نۇقتىسى بولۇپ قالدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بولسا 16-نويابىردىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا بايدىننىڭ سۆزىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، بۇنى «ئىنتايىن خاتا ۋە مەسئۇلىيەتسىز سىياسىي ئەيىبلەش» دەپ نارازىلىق بىلدۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.