بايدىن ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ «ئەدلىيە پەنلىرى ئىنستىتۇتى» نى جازا تىزىملىكىدىن چىقىرىۋەتكەن

ئامېرىكا بايدىن ھۆكۈمىتى 16-نويابىر كۈنى، ئامېرىكانىڭ سودا قارا تىزىملىكىگە ئېلىنغان خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى قارمىقىدىكى «ئەدلىيە پەنلىرى ئىنستىتۇتى» (Institute of Forensic Science) نى جازا تىزىملىكىدىن چىقىرىۋەتكەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، بۇ بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايدىن كېلىۋاتقان ۋە ئامېرىكادا ھەر يىلى 100مىڭدىن ئوشۇق كىشىنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولۇۋاتقان سۈنئىي بىرىكتۈرۈلگەن ئەپيۈن «فېنتانىل» نىڭ ئامېرىكىغا كىرىشىنى توسۇشتا خىتاينىڭ ھەرىكەت قوللىنىشىنى قولغا كەلتۈرۈشنى مەقسەت قىلىدىكەن.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 2020-يىلى بۇ ئىنستىتۇتنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتىدە رول ئوينىغانلىقى ئۈچۈن قارا تىزىملىككە كىرگۈزگەن ئىدى. ئەينى چاغدا ئامېرىكانىڭ بۇ قارارى خىتاي ھۆكۈمىتىنى قاتتىق نارازى قىلغان ئىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ نۆۋەت خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ سان-فىرانسىسكودا پىرېزىدېنت بايدىن بىلەن كۆرۈشكەندە فېنتانىلنىڭ كېلىش مەنبەسىنى بىر تەرەپ قىلىش ھەققىدە ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلىشىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن.

ئامېرىكا كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش مەركىزىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، 2016-يىلدىن 2021-يىلغىچە زەھەرلىك چېكىملىك چەككەنلەرنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى ئۈچ ھەسسە كۆپىيىپ كەتكەنلىكتىن فېنتانىلغا قارشى كۈرەش ئامېرىكانىڭ كۈن تەرتىپىدىكى مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالغان ئىدى.

ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى بولسا بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قارارىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن. ئۇلار «X» تىكى ئىنكاسىدا ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرنىڭ گېن ئۇچۇرلىرىنى يىغىشقا قاتناشقان بۇ ئورگان ئۈستىدىكى جازانى بىكار قىلىشنىڭ «خاتا سىگنال بېرىدىغانلىقى» نى ئەسكەرتكەن ھەمدە بۇ ئورۇننىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىشقا قاتناشقانلىقى مۇقەررەر، دەپ كۆرسەتكەن.