ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەۋھەر ئىلھامغا ئىلھام بەردى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن يېقىندا ئۇيغۇر پائالىيەتچى جەۋھەر ئىلھام بىلەن كۆرۈشكەن ھەمدە ئۇنىڭ دادىسىنى ئازادلىققا ئېلىپ چىقىش يولىدىكى كۈرەشلىرىگە زور ئىلھام بەرگەن.

جەۋھەرنىڭ 10-ئىيۇلدا X تە يوللىغان ئۇچۇرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئانتونى بىلىنكېن ئۇنىڭدىن دادىسىنىڭ يېقىنقى ئەھۋالىنى سورىغان. ئۇچرىشىشتا جەۋھەر دادىسىنىڭ كۆپلىگەن بىگۇناھ ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش ئىزچىل قاماقتا ئىكەنلىكى ھەمدە ئۆزىنىڭ بۇ جەھەتتىكى پائالىيەتلىرى توغرىسىدا قىسقىچە مەلۇمات بەرگەن. ئۇ بۇ ھەقتە يوللىغان ئۇچۇرىدا «دادام ۋە مىليونلىغان ئۇيغۇر ئەركىنلىككە ئېرىشكۈچە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتە قىلىش يولىدىكى تىرىشچانلىقىمنى داۋام قىلىمەن» دېگەن. مەلۇم بولۇشىچە، ئۇ بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ، يەنى 2019-يىلى ئىيۇلدا سابىق ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن ئاق سارايدا كۆرۈشكەن ھەمدە دادىسىنىڭ ئەھۋالىنى يەتكۈزگەن ئىدى.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىشنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ ئىككى تەرەپ سۆھبىتىدىكى نازۇك تېمىلاردىن بولۇپ قېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. 2024-يىلى ئاپرېلدا، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن خىتاي زىيارىتى ھارپىسىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت، مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى داۋام قىلدۇرماقتا» دەپ كۆرسەتكەنىدى.

ئانتونى بىلىنكېننىڭ بۇ قېتىم جەۋھەم ئىلھام بىلەن كۆرۈشكەنلىكى ھەققىدىكى ئۇچۇر كۆپ قېتىم ھەمبەھىرلەنگەن. شۇنىڭدەك جەۋھەرنى تونۇيدىغان نۇرغۇن كىشىلەر بۇ ئۇچرىشىشنى ئالقىشلىغان.