بىڭتۈەن پارتكومنىڭ 8-نۆۋەتلىك يىغىنىدا «جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى قۇرۇلۇشى» ئاساسلىق ۋەزىپە قىلىنغان

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز جەۋلان تەييارلىدى
2025.01.08

خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن «شىنجاڭ گېزىتى»، «تەڭرىتاغ تورى» قاتارلىقلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 1-ئاينىڭ 8-كۈنى، بىڭتۈەن پارتكومىنىڭ 8-نۆۋەتلىك 9-قېتىملىق ئومۇمى يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۈي يىغىنغا قاتنىشىپ سۆز قىلغان. ئۇ سۆزىدە «مەركەزنىڭ بىڭتۈەنگە قويغان تەلىپىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش، يېڭى دەۋر شىنجاڭ ئىستراتېگىيەسىنى بارلىق خىزمەتلەرنىڭ ئاساسى قىلىش، جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئاساسلىق ۋەزىپە قىلىش» نى تەكىتلىگەن.

يىغىندا يەنە بىڭتۈەن پارتكومىنىڭ سېكرېتارى خې جوڭيۇ، بىڭتۈەننىڭ كەلگۈسى پىلانلىرى ھەققىدە توختىلىپ، «شىنجاڭنى مۇھىم قاتناش تۈگۈنى، مۇھىم ئېنېرگىيە بازىسى، مۇھىم دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى بازىسى قىلىشتا بىڭتۈەننىڭ يېتەكچى رولىنى جارى قىلدۇرۇش، يېڭى دەۋردىكى بىڭتۈەننىڭ مۇقىملىقنى ساقلاپ، چېگرانى گۈللەندۈرۈش ۋەزىپىسىنى قەتئىي ئىجرا قىلىش ھەم بۇ ئىقتىدارىنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈش، 14-بەش يىللىق پىلاننى ئوڭۇشلۇق ئورۇنلاش، جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش» قاتارلىقلارنى ئوتتۇرىغا قويغان.

خىتاي ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەر «خىتاينىڭ مىللىي ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى» دەپ قاراۋاتقان «جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئورتاق ئېڭىنى مۇستەھكەملەش» سىياسىتى، مەزكۇر خەۋەردە «بىڭتۈەن خىزمىتىنىڭ تۈپ لىنىيەسى» دېيىلگەن. بۇ نۇقتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «شىنجاڭنى ئىدارە قىلىشتا بىڭتۈەننىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنىدىن پايدىلىنىش» مەقسىتىگە ماس كەلگەن.

ئامېرىكادىكى سىياسىي ئوبزورچى خۇ پىڭنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، «جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشى» دىكى مەقسەت، باشقا مىللەتلەرنى خىتايدىن پەرقسىز ھالەتكە ئېلىپ كېلىش بولۇپ، ماھىيەتتە بۇ ئۇلارنىڭ مىللىي مەۋجۇتلۇقىنى چەتكە قېقىش ۋە ئاخىرىدا ئۇلارنى ئېرىتىپ يوقىتىش سىياسىتىنىڭ دەل ئۆزى ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.