بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك مەمۇرىي ئورۇنلارنىڭ بىرلىشىش قەدىمى تېزلىشىۋاتامدۇ؟

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ۋە بىڭتۇەن دۆلەت بايلىقىنى نازارەت قىلىش ۋە باشقۇرۇش كومىتېتلىرى يېقىندىن ماسلىشىپ، يېڭى تەرەققىيات يارىتىش ئۈچۈن ئورتاق كۈرەش قىلماقچى بولغان. 5-ئاينىڭ 21-كۈنى بۇ ئىككى كومىتېت «ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى» ئىمزالىغان. ئىككى تەرەپ دۆلەت بايلىقى ۋە دۆلەت كارخانىلىرىغا مۇناسىۋەتلىك «14-بەش يىللىق پىلان» تۈزۈپ، دۆلەت ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسىنى ئىلغارلاشتۇرۇش، كەسىپ قۇرۇلمىسى تەڭشەش جەھەتتىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتمەكچى، شۇ ئارقىلىق بىڭتۇەننىڭ دۆلەت بايلىقى ۋە دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرمەكچى بولغان.

بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك مەمۇرىي ئورۇنلار بىر-بىرىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى ئېتىراپ قىلىشقا باشلىغان. ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى ھەر قايسى ناھىيە ۋە شەھەرلەردىكى داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىلىرى بىڭتۇەن 1-دېۋىزىيە دوختۇرخانىسى، ئارال شەھەرلىك دوختۇرخانا ۋە سەككىز تۇەن-مەيدان دوختۇرخانىلىرى بىلەن داۋالاش مۇلازىمىتى كېلىشىمى ئىمزالىغان بولۇپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكتىكى ئاھالىلەرنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بىرلەشتۈرۈۋېتىلگەن. ۋىلايەتلىك داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى ئۆزلىرى نۇقتا قىلىپ بېكىتكەن ھەر قايسى داۋالاش ئورۇنلىرىنىڭ تېلېۋىزور ئېكرانى ۋە باشقا تەشۋىقات سۇپىلىرىدا بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكتىكى ئاممىنى بىر تۇتاش داۋالاشقا ئائىت سىياسەت-بەلگىلىملەر ۋە داۋالىنىش تەرتىپىنى تەشۋىق قىلغان.

كۆزەتچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر رايونىدىكى بىڭتۇەننىڭ تەسىرى ھازىر مىسلىسىز كۈچىيىپ كەتكەن بولۇپ، يۇقىرىقى ئىككى كومىتېتنىڭ ئاتالمىش ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقىدا تىلغا ئېلىنغان «زامانىۋى يېزا ئىگىلىك ۋە توقۇمىچىلىق كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكتە داڭلىق كارخانىلارنى بەرپا قىلىش» پىلانلىرى ئەمەلىيەتتە يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ بىڭتۇەن ئۈچۈن خىزمەت قىلىش پىلانىدىن ئىبارەت. بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ بىرلەشتۈرۈلۈشى بۇ ئىككى ئورۇننىڭ ھەر قايسى ساھەلەردە بىر گەۋدىلىشىشكە قاراپ ماڭغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بىڭتۇەننىڭ بۇ سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشى كەلگۈسىدە يەرلىك ھۆكۈمەتنى قورچاق ئورۇنغا ئايلاندۇرۇپ قويۇشى، بايلىقنىڭ ھەممىسى بىڭتۇەن تەرىپىدىن مونوپول قىلىنىشى مۇمكىن.