بىڭتۇەن تورىدا بىڭتۇەننىڭ كۆپلىگەن كەسپىي ئورۇنلىرىغا ئادەم ئالىدىغانلىقى ھەققىدە ئۇقتۇرۇشلار ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە بىڭتۇەن مەدەنىيەت، تەنتەربىيە، رادىئو، ساياھەت ئىدارىسىگە تەۋە كەسپىي ئورۇنلار، بىڭتۇەن يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەركىزى، شىخەنزە شەھەرلىك باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپلەر، شىخەنزە ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى، ئارال ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدىكى كەسپىي ئورۇنلار كۆپ مىقداردا خىزمەتچى قوبۇل قىلىدىكەن.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان «14-بەش يىللىق پىلانى» ۋە 2035-يىلغىچە يەتمەكچى بولغان نىشانىدا بىڭتۇەننى تەرەققىي قىلدۇرۇش مۇھىم ئورۇنغا قويۇلغان بولۇپ، بىڭتۇەننىڭ كەسپىي ئورۇنلىرى يىلدىن يىلغا كېڭىيىۋاتقان، كۈچىيىۋاتقان بولغاچقا ئادەمگە ئېھتىياجلىق، ئىچكىرىدە ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ئىش تاپالماي يۈرگەن خىتايلار ئۈچۈن بۇ كۆڭۈلدىكىدەك پۇرسەت. بۇ ئۇقتۇرۇشتا گەرچە بىڭتۇەننىڭ تەرەققىيات رايونلىرى قانچە ئادەم ئالىدىغانلىقىى بىلدۈرۈلمىگەن بولسىمۇ، خىتاينىڭ بارلىق ئۆلكىلىرىدىن خىزمەتچى قوبۇل قىلىدىغانلىقى ئېنىق.