«شىنجاڭ ھەربىي رايونى» نىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ساقلاش رولى داۋاملاشماقتا

خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسى ئۇيغۇرلار دىيارىنى ئىگىلىگەندە «شىنجاڭ ھەربىي رايونى» نامىدا تەسىس قىلىنغان ھەربىي رايون 1949-يىلى 17-دېكابىردا قۇرۇلغاندىن بۇيان ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ھەربىي ھوقۇققا ئېگە ئەڭ ئالىي ئورگان بولۇپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم.

يېقىندا بۇ ھەربىي رايوننىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى باش ۋەزىپىلىرىدىن بولغان «جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش» رولىنىڭ بۇندىن كېيىن داۋاملىق جارى قىلدۇرۇلماقچى بولغانلىقى دىققەت قوزغىدى.

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 1-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، «شىنجاڭ ھەربىي رايونى» قۇرۇلغاندىن بۇيانقى 68 يىلدا «پارتىيەنىڭ سۆزىنى ئاڭلاش، چېگرا رايوننىڭ ئەمىنلىكىنى قوغداش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش» دېگەن باش يېتەكچى ئىدىيە بويىچە مەركەزنىڭ رەھبەرلىكىگە ئاكتىپ بويسۇنۇپ كەلگەن. بۇنىڭدا ھەممىدىن بەكرەك ئۇنىڭ «پارتىيە نېمىگە بۇيرۇسا شۇنى ئېغىشماستىن ئىجرا قىلىشى» مەدھىيىلەنگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە مەزكۇر ھەربىي رايوننىڭ بۇندىن كېيىنكى سىياسىي ۋەزىيەتتە «زوراۋانلىق ۋە تېررورلۇققا قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ساقلاشقا تۆھپە قوشىدىغانلىقى» ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن.

ئانالىزچىلارنىڭ پىكرىچە بۇ خىلدىكى مۇنتىزىم «ھەربىي رايون» لار ئىچكى تىنچلىق شارائىتىدا ئادەتتە دۆلەت زېمىنىنى تاشقى دۈشمەن كۈچلەردىن ساقلاش ۋە مۇداپىئە قىلىش ئۈچۈن تەسىس قىلىنىدىغان بولۇپ، ئەمدىلىكتە «شىنجاڭ ھەربىي رايونى» نىڭ رايون تەۋەسىدىكى «زوراۋانلىقنى باستۇرۇپ جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش» نى بۇندىن كېيىنكى ئاساسلىق ۋەزىپە قىلىشى ئالاھىدە ئەھۋال ھېسابلىنىدىكەن.

ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، مەزكۇر خەۋەردىكى ئۇچۇرلاردىن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى قارشىلىق ۋە نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى باستۇرۇشتا قوراللىق ساقچى قىسىملاردىن باشقا يەنە « شىنجاڭ ھەربىي رايونىنى» دىن ئىبارەت مۇنتىزىم ئارمىيەگىمۇ تايىنىدىغانلىقىنى كۆرۈۋېلىش مۇمكىن ئىكەن.