بىڭتۇەن سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ سابىق سېكرىتارى ياڭ فۇلىن «تەكشۈرۈلۈش» كە ئېلىنغان

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2021-12-02
Share

12-ئاينىڭ 2-كۈنى خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى مەخسۇس خەۋەر بېرىپ، «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى» پارتكومىنىڭ دائىمىي ئەزاسى، بىڭتۇەننىڭ سابىق مۇئاۋىن قوماندانى، بىڭتۇەن سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ سابىق سېكرىتارى ياڭ فۇلىن «ئىنتىزامغا ۋە قانۇنغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغانلىقى» سەۋەبىدىن «پارتىيەدىن قوغلاپ چىقىرىلغانلىقى» ۋە «دېلو تۇرغۇزۇلۇپ تەكشۈرۈلىۋاتقانلىقى» نى بىلدۈرگەن.

خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتىنىڭ تەستىقى بىلەن خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى بىلەن دۆلەت نازارەتچىلىك كومىتېتىنىڭ ياڭ فۇلىن ھەققىدە چىقارغان قارارىدا مۇنۇلار دېيىلگەن: «ياڭ فۇلىن بۇرچ ۋە خىزمەت مەسئۇلىيىتىدىن ۋاز كېچىپ، غايىسىنى ۋە ئېتىقادىنى يوقاتقان، تەشكىلاتنىڭ تەكشۈرۈشىگە قارشى تۇرغان؛ مەركەزنىڭ ‹سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمە› سىنىڭ روھىغا پىسەنت قىلمىغان، سوۋغات قوبۇل قىلغان ۋە بەلگىلىمىگە خىلاپلىق ھالدا كەيپى-ساپا سۈرگەن؛ بىڭتۇەننىڭ سىياسىي مۇھىتىنى بۇزغان، ھوقۇقىدىن پايدىللىنىپ قۇرۇلۇش تۈرلىرى ھۆددىگەرلىكى، ئەمەلدارلارنى ئۆستۈرۈش، دېلو ماسلاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە باشقىلارغا نەپ يەتكۈزۈش ئارقىلىق قانۇنسىز ھالدا غايەت زور مال-مۈلۈك توپلىغان.»

خەۋەردە دېيىلىشىچە، «پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى، تەشكىلىي ئىنتىزامى، سەمىمىيەت ئىنتىزامى، خىزمەت ئىنتىزامى ۋە تۇرمۇش ئىنتىزامىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش» بىلەن ئەيىبلەنگەن ياڭ فۇلىن، خىتاي كومپارتىيىيەسىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان ۋە تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن.

ئالدىنقى يىلى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى «بىڭتۇەننىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلىۋاتقان زۇلۇم ۋە مەجبۇرىي ئەمگەكتە رولى بار» دەپ قاراپ، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى ۋە ئۇنىڭ بىرىنچى قول رەھبىرىگە، شۇنداقلا بىڭتۇەنگە قاراشلىق بەزى چوڭ شىركەتلەرگە جازا تەدبىرى ئېلان قىلغان ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن بىڭتۇەننىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ۋەزىيتىدە بەزىبىر جىدددىي داۋالغۇشلارنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقى خەۋەر قىلىنغان ئىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، ياڭ فۇلىن ئۇزۇن مەزگىل بىڭتۇەننىڭ سىياسىي-قانۇن ساھەسىنى كونترول قىلىپ كەلگەن يوقىرى دەرىجىلىك ئەمەلداردۇر. 2017-يىلىدىن بۇيان خىتاينىڭ بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇيغۇر رايونىدا ئېلىپ بارغان زور تۇتقۇنىدا مىليونلىغان كىشىلەرنىڭ لاگېرلارغا، تۈرمىلەرگە ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك ئورۇنلىرىغا تۇتۇلغانلىقى مەلۇم. كۆزەتكۈچىلەر، شى جىنپىڭ بىۋاسىتە يوليورۇق بەرگەن بۇ زور تۇتقۇننى ئىجرا قىلىشتا خۇددى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ سابىق سېكرىتارى جۇ خەيلۇنغا ئوخشاشلا، بىڭتۇەن سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ بىرىنچى قول رەھبىرى بولغان ياڭ فۇلىننىڭمۇ باش تارتىپ بولالمايدىغان «قارا قولى» بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت