بىڭتۇەننىڭ 2022-يىللىق خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىدا جەنۇبقا كېڭىيىش ۋە قوراللىق كۈچلىرىنى كۈچەيتىش نىشان قىلىنغان
2021.12.21
خىتاي دائىرىلىرى ئۆتكەن ھەپتە ئۈرۈمچىدە يىغىن ئۆتكۈزۈپ، خىتاينىڭ رايوندىكى يېرىم قوراللىق يېرىم ئىشلەپچىقىرىش تەشكىلاتى بولغان «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى» نىڭ 2022-يىللىق خىزمەتلىرىنى ئورۇنلاشتۇرغان. خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بىڭتۇەننى داۋاملىق جەنۇبقا كېڭەيىش، ئۇنىڭ قوراللىق كۈچى بولغان «خەلق ئەسكەرلىرى» نى كۈچەيتىش ۋە بىڭتۇەننى يەرلىك بىلەن بىرگەۋدىلەشتۈرۈش ئۇنىڭ كېلەر يىللىق خىزمەتلىرىنىڭ مۇھىم نىشانى ئىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئورۇنلاشتۇرۇش بىڭتۇەن پارتكومىنىڭ 17-ۋە 18-دېكابىر كۈنلىرى چاقىرىلغان 7-نۆۋەتلىك 13-ئومۇمىي يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرىتارى، قوشۇمچە بىڭتۇەن پارتكومىنىڭ بىرىنچى سېكرىتارى ۋە سىياسىي كومىسسارى بولغان چېن چۇەنگو سۆز قىلغان بۇ يىغىندا، بىڭتۇەننىڭ سىياسىي كومىسسارى لى يىفېي بىلەن بىڭتۇەننىڭ قوماندانى پېڭ جيارۇي بىڭتۈەننىڭ كېلەر يىللىق خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرغان.
بىڭتۈەن پارتكومىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك يىغىنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئەركىن تۇنىيازنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 4 نەپەر خىتاي ئەمەلدارىغا ئىمبارگو قويغان، دۆلەت مەجلىسى «ئۇيغۇر مەجبۇرى ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لايىھەسى» ۈنى ماقۇللاپ، پرېزىدېنتنىڭ ئىمزا قويۇشىغا سۇنغان بىر ۋاقىتتا ئۆتكۈزۈلگەن. «بىڭتۇەن خەۋەرلىرى» تورىنىڭ ئاشكارلىشىچە، يىغىن «مۇقىملىق ۋە چېگرانى قوغداشقا ئەھمىيەت بېرىپ، چېگرا رايون مۇداپىيە ئىقتىدارىنى مۇقىملاشتۇرۇش، يۇقىرى سەۋىيەلىك بىخەتەر بىڭتۇەن قۇرۇپ، ئالىي سۈپەتلىك خەلق ئەسكەرلەر قوشۇنى بەرپا قىلىش» نى تەلەپ قىلغان.
يىغىندا يەنە بىڭتۇەننىڭ «جەنۇبقا قاراپ تەرەققىي قىلىشىنى تېزلىتىش، بازارنى زورايتىش، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ بىر گەۋدىلىشىش تەرەققىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنىڭ تۈزۈلمە مېخانىزىمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۇنىڭ بىر گەۋدىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش» تەلەپ قىلىنغان.
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي بىڭتۇەننى يەرلىك بىلەن بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى شەكىلدە مەۋجۇت، ئەمەلىيەتتە بىڭتۇەننىڭ كونتروللۇقىدىكى بىر رايونغا ئايلاندۇرۇپ قويۇشنى پىلانلىماقتا ئىكەن.