شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى كانادالىق خىتاي ياش-ئۆسمۈرنى ئۇيغۇر رايونىدا زىيارەتكە تەشكىللىگەن

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2023.12.05

ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتا ئوينىغان رولى سەۋەبلىك كانادا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئېمبارگو يۈرگۈزۈلگەن شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى بۇ يىل يازدا 20 دەك كانادالىق خىتاي ياش-ئۆسمۈرنى تەشكىللەپ، ئۇيغۇر رايونىدا زىيارەتكە ئورۇنلاشتۇرغان. خەۋەرلەردە، بىڭتۇەن دائىرىلىرىنىڭ بۇ ياش-ئۆسمۈرلەرنى بىڭتۇەننىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى سۈت فېرمىسى، ئېتىزلىق ۋە «بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش مۇزېيى» قاتارلىق جايلىرىدا زىيارەتكە ئورۇنلاشتۇرغانلىقى قەيت قىلىنماقتا.

كانادا «دۆلەتلىك پوچتا» گېزىتىنىڭ 3-دېكابىر كۈنى بەرگەن خەۋىرىدە قەيت قىلىشىچە، «چەتئەللىك ياش-ئۆسمۈرلەرنى نىشان قىلغان بۇ زىيارەت پائالىيىتى، بېيجىڭنىڭ دۇنياغا ئۆز تەسىرىنى كېڭەيتىش، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا دائىر قاراشلارنى ئۆزگەرتىش تىرىشچانلىقىنىڭ ھەيران قالارلىق ئۆرنىكىگە ۋەكىللىك قىلىدىكەن.»

كانادا ھۆكۈمىتى 2021-يىلى 3-ئايدا ئامېرىكا، ئەنگلىيە، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بىر قاتاردا «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى» گە ئېمبارگو يۈرگۈزۈپ، خىتاينىڭ مەزكۇر يېرىم قوراللىق يېرىم ئىشلەپچىقىرىش تەشكىلاتىنى ئۇيغۇر رايونىدىكى «ئېغىر ۋە سىستېمىلىق كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى» دە ئاكتىپ رول ئويناش بىلەن ئەيىبلىگەن.

«دۆلەتلىك پوچتا» گېزىتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ يىل 8-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئېلىپ بېرىلغان «يىلتىزىنى ئىزدەش ساياھىتى» ناملىق بۇ زىيارەتكە كانادالىق خىتاي ياش-ئۆسمۈرلىرىدىن 20 بالا قاتناشقان. 10 كۈنلۈك بۇ پائالىيەتنىڭ «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى» بىلەن خىتاي كومپارتىيەسى بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ يەرلىك بىر ئورگانى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغانلىقى قەيت قىلىنماقتا.

خەۋەردە، بۇ زىيارەت خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسى خەلقئارانىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچراۋاتقان بىر ۋاقىتتا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ «بۇ پائالىيەت بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ تەربىيەلەش خاراكتېرلىك ئورۇنلاشتۇرۇشى» بولۇپ، «يىلتىزىنى ئىزدەش پائالىيىتى ئارقىلىق خىتاي كومپارتىيەسىنى قوللايدىغان كېيىنكى ئەۋلادلارنى يېتىشتۈرۈش، ئۇلارنى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ سىياسىي پىلانىغا مۇۋاپىقلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان» دەپ كۆرسەتكەنلىكى تەكىتلەنگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.