ئىتالىيە خىتاينىڭ «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشىدىن ئايرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئۇيغار تەييارلىدى
2023.12.06

ئىتالىيە ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ئىتالىيە خىتاينىڭ مۇھىم سودا ۋە ئۇل ئەسلىھە تۈرى بولغان «بىر بەلباغ ۋە بىر يول» قۇرۇلۇشىدىن چېكىنىپ چىققانلىقىنى رەسمىي ئۇقتۇرغان.

رويتېرىس (Reuters) ئاگېنتلىقىنىڭ 2023-يىلى 12-ئاينىڭ 6-كۈندىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئىتالىيەنىڭ بۇ قارارى ئۈچ كۈن ئىلگىرى دۆلەت مەكتۇبى ئارقىلىق بېيجىڭغا يەتكۈزگەن، لېكىن ئىككى تەرەپ بۇ توغرۇلۇق رەسمىي سۆزلەشمىگەن.

ئىتالىيە باش مىنىستىرى گىئورگيا مېلونى (Giorgia Meloni) ئۇزۇندىن بۇيان بۇ تۈرنى تەنقىد قىلىپ كەلگەن ھەمدە بۇ قۇرۇلۇشتىن چېكىنىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. نۇرغۇن كىشىلەر خىتاينىڭ «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشىدىن پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي تەسىر كۈچىنى ياۋروپا دۆلەتلىرىگە قەدەر يېيىشنى مەقسەت قىلىۋاتقانلىقىنى، ئىتالىيەدەك دۆلەتلەر ئۈچۈن خىتاينىڭ بۇ قۇرۇلۇشىنىڭ بۇنىڭ ھېچقانداق پايدىسى يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلمەكتە ئىدى.

مۇخبىرلار، ئىتالىيە باش مىنىستىرى گىئورگىيا مېلونىنىڭ ئىشخانىسىدىن ئىتالىيەنىڭ نېمە سەۋەبتىن خىتاينىڭ «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشىدىن چېكىنىپ چىققانلىقى توغرىسىدا سوئال سورىغان بولسىمۇ، ئەمما ئىتالىيە تەرەپ بۇنىڭغا جاۋاب بەرمىگەن. خىتايمۇ بۇ توغرۇلۇق ھېچقانداق ئىنكاس قايتۇرمىغان.

ئىتالىيەدىكى بىر ھۆكۈمەت ئەمەلدارى رويتېرىس ئاگېنتلىقىغا مۇنداق دېگەن: «بىز ھازىر ‹بىر بەلباغ ۋە بىر يول› قۇرۇلۇشىنىڭ بىر پارچىسى بولمىساقمۇ، ئەمما خىتاي بىلەن بولغان ياخشى مۇناسىۋەتنى داۋاملاشتۇرۇشنى خالايمىز.»

2019-يىلى ئىتالىيە ھۆكۈمىتى ئامېرىكانىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىغا قارىماي، خىتاينىڭ «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشىغا قاتناشقان غەربتىكى تۇنجى دۆلەت بولۇپ قالغان ئىدى.

ئىتالىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدا كېلىشىلگەن «بىر بەلباغ بىر يول» ھەققىدىكى كېلىشىم 2019-يىلى ئىمزالانغان بولۇپ، كېلىشىمنىڭ ۋاقتى 2024-يىلى 3-ئايدا توشىدىكەن. ئىتالىيە ھۆكۈمەت مەنبەلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىتالىيە تەرەپ بۇنىڭدىن 3 كۈن بۇرۇن خىتايغا دۆلەت مەكتۇبى ئەۋەتىپ، خىتاي بىلەن بولغان «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشى كېلىشىمنى يېڭىلىمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.